<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-14 18:02:24 جەمئى 1827 قېتىم ئوقۇلغان.

ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى
14- سىنتەبېر ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى جۈمە كۈنى بومبايدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلدى.
نامايىشقا 200 ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار قوللىرىدا « خىتاي مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىتىنى توختاتسۇن!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختايلارنى كۆتۈرگەن ھالدا « خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىشنى توختاتسۇن!»، « ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا دېپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك» دېگەن شۇئارلارنى توۋلىغان.
مەزكۇر نامايىشىنى جۇمە نامىزى ئوقۇپ چىققان مۇسۇلمانلار باشلىغان. ئۇلار خىتايدىن شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان.
نامايىشنى تەشكىللىگۈچى مۇھەممەد سەئىد نۇرى بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ ئۇلارغا قاتتىق چەكلىمىلەرنى قۇيدى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ئۆگىنىش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىنى چەكلىدى، خىتاينىڭ بۇ چەكلىمىلىرى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتە تېخىمۇ نامرات بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. » دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ