ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى خىتايدىن ئېشىپ كەتتى

ھىندىستان خىتاينى ئارقىدا قالدۇرۇپ دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان دۆلەتكە ئايلاندى.

ھىندىستان ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى 2015- يىلىنىڭ ئاخىرىقى پەسلىدە 7.3% ئاشقان. بۇ مەزگىلدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى 6.9% بولغان.

2014- يىلى مايدا تېز تەرەققىي قىلىش ۋەدىسى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن باش مىنىستىرى ناراندرا مودى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. لېكىن ئۇ ۋەدە قىلغان ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشتا بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.

ھۆكۈمەت يېڭى خامچوتنى 29- فېۋرال ئېلان قىلىدىكەن. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ