ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھىندونېزىيەدە 7.0 بال يەر تەۋرەپ 142 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-06 14:43:12 جەمئى 2246 قېتىم ئوقۇلغان.

ھىندونېزىيەدە 7.0 بال يەر تەۋرەپ 142 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

 

 

6- ئاۋغۇست شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە،ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي نۇساتېڭگارا ئۆلكىسىنىڭ لومبوك ئارىلىدا 5-ئاۋغۇست 7.0 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، 142 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان 209 ئادەم ئېغىر يارىلانغان.

خەۋەردە ھىندونېزىيە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى سۇتوپو 6- ئاۋغۇست سەھەردە تۋېتتىردا بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن:« جاكارتا ۋاقتى بويىچە 6-ئاۋغۇست سەھەر سائەت 2:30غىچە، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 142 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە لومبوك ئارىلىدىكى شىمالىي لومبوك ناھىيەسى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، 65 ئادەم قازا قىلدى»

  سۇتوپو يەنە، مۇنداق دېگەن « مۆلچەرلىنىشىچە، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ئادەم سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن. ھىندونېزىيەدىكى كۆپ تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە قۇتقۇزۇش ئەترىتى ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى جىددىي چېكىندۈرمەكتە ۋە باشقا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا»

  خەۋەردە يەنە، لومبوك ئارىلىغا ئانچە يىراق بولمىغان ھىندونېزىيەدىكى ساياھەت رايونى بالى ئارىلىمۇ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، ھىندونېزىيە مېترو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تېلېۋىزىيە سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن رايونلاردا توك بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالغان. كەچ كىرگەن بولسىمۇ، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر يەنىلا سىرتتا تۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ