ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھىندونېزىيەدە 1425 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

 

2- ئۆكتەبىر س ن ئ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ھىندىنوزىيەدە يۈز بەرگەن ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 1425 مەھبۇس تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن.

خەۋەردە، ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا جۈمە كۈنى 7.4 بال يەر تەۋرەش ۋە ئارقىدىنلا دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھىندونېزىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورگانلىرى باشقارمىسى مۇدىرى سىرى پۇگۇھ بودى ئۇتامى بايانات  ئېلان قىلىپ، دوڭگالا ۋە پالۇ شەھەرلىرىدە يەر تەۋرەش ئاپتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 5 تۈرمىدىن 1425 مەھبۇسنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى،  ئەسلىدە ئوتتۇرا سۇلاۋېسى رايونىدىكى تۈرمىلەردە جەمئىي 3220 مەھبۇس بارلىقى، ھازىر 1795 مەھبۇسنىڭ قالغانلىقى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، ئالاقىدار مەسئۇللار قېچىپ كەتكەن مەھبۇسلارنىڭ تەسلىم بولۇشى ۋە تۈرمىلەرگە ئۆزلىگىدىن قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن 1 ھەپتىلىك مۆھلەت بېرىلگەنلىكى، بىر ھەپتىدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ مەھبۇسلارنى ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتى باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ