ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھىندونېزىيىدە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-01 15:55:10 جەمئى 2219 قېتىم ئوقۇلغان.

ھىندونېزىيىدە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

ھىندونېزىيىدە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى
1- يانۋار ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدرۈلىشىچە، ھىندونېزىيىدە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 41 ئادەم يوقاپ كەتكەن.

خەۋەردە، ھىندونېزىيە مەملىكەتلىك ئاپەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى باياناتچىسى سۇتوپو پۇرۋو نۇگروخو بايانات بېرىپ، غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدىكى سۇكابۇمى رايونىغا قاراشلىق سىنارەسمى يېزىسىدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبلىك تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 30 ئۆينىڭ لاي – لاتقىلارنىڭ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئاپەتتە 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 41 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئاپەت رايونىدىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن نۇگروخو، تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 61 ئادەمنىڭ رايوندىن باشقا يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ