ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھىدايەت مەشئىلىنى كۆتۈرۈش يولىدا ۋۇجۇدى يانغان دەۋر قەھرىمانى _ ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-12-12 15:25:49 جەمئى 30954 قېتىم ئوقۇلغان.

كېرەم قارىنىڭ تەرجىمىھالى

ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى مەسچىت بىنا قىلىنىپ ئەزان ئاۋازى ياڭراپ مىڭ يىلدىن كېيىن، ئاللىبۇرۇن ئىسلام ئالىمىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ بولغان بۇ تۇپراق مىلادىيە 1949- يىلى زالىم، قانخور خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ مۇبارەك زېمىندا ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئىنسانىيەت تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋە ئىنسان ئەقلى يەتمىگەن بارلىق ۋەھشىي جىنايەتلەر قىلىندى. ئالىم ئۆلىمالار زىندانلارغا تاشلاندى، ئۆلتۈرۈلدى، يۇرتلىرىدىن سۈرگەن قىلىندى، مال – مۈلۈكلىرى تالان – تاراج قىلىندى. پەيغەمبەر ۋارىسلىرىدىن، ھىدايەت مەشئەللىرىدىن ئايرىلغان خەلق چوپاندىن ئايرىلغان پادىدەك مەنزىلىنى يوقىتىپ قويدى، نىشانىدىن ئاداشتى. خىتاي ئىشغالچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداشتەك ئەڭ مۇقەددەس ۋەزىپە ئۇنتۇلدى. خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ ماركىسىزم، لېنىنىزم دېگەندەك ھەرخىل ناملار قويۇلغان خۇداسىزلقنى تەرغىب قىلىدىغان ئىدېئولوگېيىلىك سەپسەتىلىرى خەلقنى شۇ قەدەر نادان ھالەتكە ئېلىپ كەلدىكى، خەلق ئۆز ئالىملىرىنى ئۆز قولى بىلەن دۈشمەن قەپەسلىرىگە تۇتۇپ بەردى. ئاتا – بالا، ئاكا – ئۇكا ئارىسدىكى قانداشلىق رىشتى خىتاي ئىشغالچىلىرى سىياسىي غەرەزلەردە ئوتتۇرىغا چىقارغان  ئېغۋاگەر پىكىر – ئېقىملىرى بىلەن بۆلۈنۈپ كەتتى...

 

30 يىلدىن كېيىن، 1980- يىللاردا ئىسلام قۇياشى قايتىدىن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا ئۆز نۇرىنى سېپىشكە باشلىدى. ئاللاھ تائالا بۇ زېمىنغا ۋە بۇ خەلققە ئىشغالغا تېز پۈكمىگەن، جاھالەت ھامىيلىرىغا قارشى كۆرەشكە بەل باغلىغان بىر تۈركۈم ئىمانلىق ئوغلانلارنى مۇيەسسەر قىىلىپ بەردى. ئۇلار ئىلاھى كەلىمىنى قايتىدىن ئۆز مەنىسى بىلەن چۈشەندۈرۈش، خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ ساختا سەپسەتىلىرىنىڭ ئەپت – بەشىرىنى ئېچىپ تاشلاپ خەلقنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، جاھالىيەتكە، نادانلىققا، ئىشغال ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىش سەپىرىگە ئاتلاندى. لېكىن شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش تاماسىدا بولۇۋاتقان خىتاي ئىشغالچىلىرى بۇ نۇرغا قىزغاندى. بۇ نۇرنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تىغ ئۇچىنى ھىدايەت مەشئىلى كۆتۈرگۈچىلەرگە قاراتتى. ئۇلارنى يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن تەقىب ئاستىغا ئالدى، تۇتامغا چىقمايدىغان سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىدى، قامىدى، ئۈن – تۈنسىز ئۈنلىرىنى ئۆچۈردى، ئۆلتۈردى، نۇرغۇنلىرىنىڭ جەسەتلىرى خىتاي زىندانلىرىدا چىرىپ كەتتى... لېكىن ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان ساداقەت، مۇسۇلمان ئۈممەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت، خىتاي ئىشغالىغا، زۇلۇمىغا قارشى قەتئىي ئىرادە يوقىمىدى، بەلكى بۇ نۇر بارغانسىرى كۆپ قەلبلەرنى يۇرۇتىشقا باشلىدى.

24 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ جازا مۇددىتى ئارقىمۇ – ئارقا ئۇزارتىلىپ كېلىۋاتقان دىنىي ئۇستاز ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلى(يەنى كېرەم قارى) دەل شۇ ھىدايەت مەشئىلى كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ، ئۆز قولى، ھەتتا جىسمى بۇ ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولۇۋاتسىمۇ، پاك قەلبى، قەتئىي ئىرادىسى بىلەن بۇ مەشئەلنى ئۆچۈرمىگەنلەرنىڭ بىرى.

يېقىنقى زامان شەرقى تۈركىستان تارىخىدىكى دىنى تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئۈلگىسى مۆھتەرەم ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى، 1955-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچار ناھىيىسى كونىشەھەر رايونى ساقساق مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. بۇ ئائىلىدىكى 10 بالىنىڭ ئۈچىنجىسى بولغان ئابۇلكېرىم ئابدۇۋېلى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۆز يۇرتى كۇچادا، كېيىنچە قەشقەر قاتارلىق يۇرتلاردا مۆتىۋەر دىنىي ئالىملاردىن تەلىم تەربىيە ئالغان. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىق دىيارىدا ئىسلام ئەقىدىلىرىدىكى سىياسىي پىكىرلەرنى قايتىدىن جانلاندۇرغان مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. 1980- يىللاردىن كېيىن، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئايلىنىپ يۈرۈپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 1980 ‏- 1990‏-يىللار ئارىسىدا شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە رايونلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇيغۇر مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى توغرا يولغا يېتەكلەش، كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن ياشلارنى ئىسلام دىنى يولىغا باشلاش ئۈچۈن دىنى تەشۋىق ۋە تەبلىغ قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ دىنى تەشۋىق توغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەر - رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان. ئۇ ئۆتكۈر ۋە دادىل پىكىرلىرى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىپ نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ كوممۇنىزىم ئىددىيىسىدىن ۋاز كېچىشىگە تۈرتكە بولغان. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبتىكى تەبلىغ ۋە دەۋەتلىرى شۇنداقلا ئۆتكۈر پىكىرلىك نۇتۇقلىرى بىلەن پۈتكۈل شەرقىي تۈركستاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تونۇلۇپ كىشىلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى دەپ قارالغان. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭ تەبلىغ ‏- نوتۇقلىرىنى ئاڭلىغان خەلق ئارىسىدا باشقىچە ئويغىنىش بولغان. نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۇنى ئۆزىنىڭ يېتەكچىسى ۋە يولباشچىسى دەپ ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - قاراشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. 

ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل بۇلۇپ، نۇرغۇن كىشلەر تۇيۇق يوللاردىن ئۆزىنى تارتىۋالغان. تارىختىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نادان، قالاق قالدۇرۇش ئۈچۈن مىللى ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەپ، ئىلغار پىكىرلىك، مۇنەۋۋەر ياشلىرىمىزنى كۆزدىن يوقۇتۇش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاننى زورلۇق بىلەن ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست دېكتاتۇرلىرى ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ يۇقارقىدەك تەشۋىقات ئىش -پائالىيەتلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قىلىنغان تەھدىت دەپ قاراپ، 1990-يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۇنى قولغا ئالغان.

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى بىلەن بىرگە تۇتۇلۇپ خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ئۈچ يىل يېتىپ چىققان ئۇيغۇر دىنى ئالىم ئابدۇلكەرىم كۇچارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  خىتاي ساقچى دائىرلىرى 1990 ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى ۋە ئابدۇكېرىم كۇچار قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلارنى بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇپ تۈرمىگە قامىغان. ئابدۇلكەرىم كۇچارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنى جىنايەت ھىسابلانغۇدەك ھېچقانداق دەلىل ئىسپات كۆرسەتمەستىن قارىلاپ تۆھمەت بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلغان ئىكەن. 

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ سوت ھۆكۈمنامىسى 2012- يىلى ئۇيغۇر تور بېكەتلەردە تارقىتىلدى. ھۆكۈمنامىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى 1993‏-يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن، «ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇش، قۇتراتقۇلۇققا تەشۋىق قىلىش» دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەرنى ئارتىپ 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. شۇ يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى ئۈرۈمچى 1 ‏- تۈرمىگە قامالغان. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتى تۈگەشكە بىر قانچە ئاي قالغاندا يەنى 2002 ‏- يىلى 2 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزدى دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2005 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى يەنە باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزدى دېگەن جىنايەت ئارتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2006 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇش دېگەن جىنايەت ئارتىپ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتى 2006 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنىدىن 2011‏-يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنىگىچە ئۇزارتىلغان. 

سوتتا ئەيبلىگۈچى ئورگانغا ۋاكالەتەن تەپتىش تۇراجان ھاكىمۇف ئىسىملىك شەخس، ئابدۇكەرىم ئابدۇۋېلىنى 2007 ‏- يىلىدىن 2008 ‏- يىلى 10 ‏-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقاندا، كۆپ قېتىم ناماز ئوقۇش، ئاچلىق ئېلان قىلىش، ۋە تۈرمىنىڭ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇش دېگەنگە ئوخشاش ئىشلارنى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ ئەيبلىگەن ۋە شۇ ئىشلارنى جىنايەت دەپ بىكىتىپ 3 يىلدىن 3 قېتىم جازاغا ھۆكۈم قىلغان. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى پەرھات ئابلەي، تۇرسۇنئاي بارات، مەريەم ئەمەت قاتارلىق سوتچىلارنىڭ تامغىسى بېسىلغان ھۆكۈمنامىدە ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتى 2009‏-يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن 2014 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنىگىچە ئۇزارتىلغانلىقى يېزىلغان. 

بىر ئانا ئۆز خەلقىگە ياراملىق بىر ئەۋلاد يېتىشتۇرۇپ بەردى. ئەمما ئۇنىڭ مېھرى مۇھەببىتىگە قانماستىن 22 يىل ھەسرەت چېكىپ ئالەمدىن ئۆتتى.

ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ئانىسى مەرەمنساخان 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 22 – كۈنى پەيشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى، مەرھۇم 75 ياشتا بولۇپ، ئۆپكە تۇبىركليوز كېسەللىكى بىلەن ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتتى. خىتاي ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىشقىمۇ رۇخسەت قىلمىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىغا تېز دەپنە قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.

كۈتكەن مېنۇتلار يېتىپ كېلىپ، ھەممەيلەننى ھاياجانغا سېلىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي يەنە گېپىدىن يېنىۋالدى. كېرەم قارىمنىڭ 23 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمىسى بىلەن خوشلىشىدىغان كۈنلەردە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ جازاسىنىڭ يەنە 5 يىل ئۇزارتىلغانلىقى مەلۇم بولدى. 2014- يىلى ئاپرېل ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكلەرنى چاقىرتتى. ئۇنىڭ ئىنىسى تۈرمىگە بېرىپ ئاكىسى بىلەن كۆرۈشكەندە ئاكىسىنىڭ 50 نەچچە كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى يەنە 5 يىل ئۇزارتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئىنىسىنىڭ سۈپەتلەپ بېرىشىچە، كېرەم قارى ئۇرۇقلاپ ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ، تېلېفوننى ئىككى مېنۇتمۇ تۇتۇپ تۇرالمىغان.

ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۇ قېتىمقى ئۇزارتىش جازاسىنىڭمۇ نېمە سەۋەبتىن، نېمە ئۈچۈن بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئەجداتلارنىڭ مىىللى ئىرادىسىگە ئەمەلىي قەھرىمانلىقى بىلەن ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلالىغان ئابدۇلكەرىم ئابدۇلۋەلى ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىنىڭ يالغۇز كامىردا توپ توغرا 24 يىل ھاياتىنى باسقۇنچى خىتايلارنىڭ تۈرمىدىكى قىيىن قىستاقلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزدى. تۈرمىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن قۇيۇلغان بىمەنە شەرتلەرگە كۆنمىگەن، تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ تۈرمىدىكى قىيىن قىستاقلىرى ئالدىدا تىز پۈكمەستىن تارىختا ئۆتكەن پىشقەدەم مەرىپەتپەرۋەر ئۇستاز ئابدۇلئەزىز مەخسۇملاردەك «شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقى شەرقىي تۈركىستانلىىقلارغا مەنسۇپ» دېگەن شوئاردىن ۋاز كەچمىدى.

ۋەتەن ئىچىدە خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشى ئاستىدا ئەركىن نەپەس ئالالمايۋاتقان خەلق بۇ مۆھتىرەم ئالىمنى قەلبىدە ياد ئېتىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئەقىدىسىنى ساقلاش، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئۇستازنىڭ جاسارىتى، تېز پۈكمەس روھى، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان ساداقىتىنى ئەسلەشنى، ئۇنى تونۇتۇشنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىتايغا قارشى پىكىر توپلاشنى توختاتمىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى 2014- يىلى ئاپرىل ئېيىنى ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ ئېيى قىلىپ بېكىتتى ۋە تەشكىلاتنىڭ رەسمىي توربېتىدە ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلىنى تۈرمىدىن چىقىرىش ئۈچۈن ئاۋاز توپلاش سەھىپىسى ئاچتى.

2014- يىلى 16- ئاپرېل كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى. ئاۋستىرالىيەدىن كەلگەن ئابدۇسالام ئابدۇغېنى 24 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان دىنىي زات ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

شىۋىتسىيە ئىسلام جەمئىيىتى، مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى، ئىبنى رۇشد فوندى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2014- يىلى 18 - ئاپرېلدىن 20 - ئاپرېلغىچە شىۋىتسىيە پايتەختى سىتوكھولىمنىڭ مەركىزى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جازا مۇددىتى سەۋەبسىز ئارقىمۇ – ئارقا ئۇزارتىۋېتىلگەن ئابدۇۋېلى ئابدۇكېرەم ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

چەتئەللەردە بۇ دەۋر قەھرىمانى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر يۇقىرىقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ پائالىيەت ۋە خاتىرىلەشلەر گەرچە كېرەم قارىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد بولۇشىغا ھېچقانداق ياردەم بېرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھىنى ئەسلەش ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسلامىي ئازادلىق يولىدا كۆرەش قىلىۋاتقانلارغا زور مەنىۋىي كۈچ ۋە ئىلھام بەرمەكتە. ئۇنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ئاخىرقى نەپىسىنى «ئۈممىتىم» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەرنىڭ، ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغاندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ھەق ۋە باتىل ئارىسىدىكى كۆرەشتە ئەزىيەت تارتقانلارنىڭ روھىنى، ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ جانلىق ئۈلگە بولماقتا.

ھەر نەرىسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقان، ئىنساننى تۈرلۈك سىناق، مۇسىبەتلەر بىلەن ئىمتىھان قىلىدىغان ئۇلۇغ رەببىمىزدىن ئۇستازىمىز كېرەم قارىنى سەۋر-ساباتلىق قىلىشىنى، ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان كۇپۇر تۈرمىلىرىدىكى ئەسىرگە چۈشكەن بۇرادەرلىرىمىزنى ئاخىرقى نەپەسلىرىگىچە ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى، ئۇلارنى ۋە بىزنى تاقىتىمىز يەتمەيدىغان سىناقلار بىلەن سىنىماسلىقىنى، بىر زامانلاردا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان كەبى ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ ھىممىتى بىلەن ئىسلام قۇياشى نۇر چاچقان، بۈگۈنكى كۈندە خىتايدىن ئىبارەت ئەڭ نىجىس كاپىرنىڭ تاپىنى ئاستىدا قالغان ئەزىز ۋەتىنىمىزنى ۋە باشقا ئىسلام تۇپراقلىرىدا قايتىدىن ئىلاھى ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا ياردەم قىلىشىنى، بىزلەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىكى ۋە كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن ۋەتىنىمىز ئۈستىدىكى ھەقلىرىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيمىز! (ئامىن) ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ مۆھتىرەم ئالىمىمىز ھەققىدە خالىس دۇئادا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 ئىستىقلال خەۋەرلىرى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ