ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

«ھىدايەت بوستانى» نامىلىق كىتاپچە نەشىردىن چىقتى

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆلچەملىك ئۇيغۇر تىلىدىكى دىنىي ئوقۇشلۇقلارنىڭ كەمچىل بولىشى سەۋەبىدىن، بۇ ساھەدە ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك بولغان ساپ ئىسلامى ماتېرىياللار بىلەن ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئۇچرىشىپ بولالماسلىقىدەك بوشلۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى «ھىدايەت بوستانى» نامىلىق بۇ كىتاپچىنى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىپ تارقاتتى.

بۇ كىتاپچە جەمئى 48 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەزمۇنلار تولىمۇ ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ تۈزۈپ چىقىلغان، ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىسلام دىنى توغرىسىدا زۆرۈر بولغان ئاساسلىق مەلۇماتلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلانغان.

كىتاپچىدا ئىسلامدىكى ئالتە ئىمان ئاددى تىل بىلەن تولۇق چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بىز نەدىن كەلدۇق؟ قەيەرگە بارىمىز؟ بىز نىمىشقا مۇسۇلمان بولىمىز؟ ئۆلگەندىن كىيىنكى نەتىجە قانداق بولىدۇ؟ دىگەندەك مەسىلىلەر قىسقا ئىبارىلەر بىلەن يورۇتۇپ بىرىلگەن. ئۇندىن باشقا مەسجىد، ئەزان ۋە ئۇنىڭ مەنىسى، ناماز، ئەخلاق، ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىق، پاكىزلىق، يىتىم –يىسىر ۋە نامراتلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، ۋەتەن ئۇقۇمى قاتارلىقلار  توغرىسىدا قىسقىچە قىلىپ چۈشەنچە بىرىلگەن. ئۇندىن باشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ئەڭ ئىخچام شەكىلدە يورۇتۇپ بىرىلگەن بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ناھايتى ياخشى بىر ئوقۇشلۇق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

بۇ كىتاب ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى «سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى»دا سېتىلىدۇ.

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 05387207030


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ