<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھوڭكوڭدا خىتاي كوممونىستلىرىغا قارىشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-02 17:09:01 جەمئى 918 قېتىم ئوقۇلغان.

ھوڭكوڭدا خىتاي كوممونىستلىرىغا قارىشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ھوڭكوڭدا خىتاي كوممونىستلىرىغا قارىشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
1-ئىيۇل ھوڭكۇڭ خەلقى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خەلق خىتايغا قارشى كەڭ- كۆلەملىك نامايىش قىلىدى.
نامايىشقا 50 مىڭ كىشى قاتناشقان بولۇپ، خىتاي رېجىمنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا ئارلىشىپ بېسىم ئىشلىتىشىگە قارشى نامايش قىلغان. نامايىشنىڭ مۇھىم تېمىسى « بىر پارتىيە دېكتاتۇرىسىغا خاتىمە بېرىلسۇن!»، «ھوڭكوڭنىڭ كوممۇنىزىمغا يەم بولۇپ كېتىشىگە قارشى تۇرايلى!» دېگەنلەر بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقان خەلق « بىر پارتىيە دىكتاتۇرىسىغا خاتىمە بېرىلسۇن!»، «ھوڭكوڭنىڭ كوممۇنىزىمغا يەم بولۇپ كېتىشىگە قارشى تۇرايلى!» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلىغان. نامايىشقا قاتناشقان بىر قانچە خوڭكوڭ خەلقى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ« كوممۇنىستلارنىڭ بۇزۇق نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى خوڭكوڭغا ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىش ئىدىيىسى بىزنىڭ بۇ يەرگە يىتىپ كىلىپ ئۆي باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. كوممونىستىك پارتىيىسنىڭ بىزگە بەرگەن تەسىرى ياخشى ئەمەس. بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش ھوڭكوڭلۇقلارنى ھوڭكوڭلۇق باشقۇرۇش دېگەن تۈزۈم بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ كەتتى. ھوڭكوڭدا قايسى كۈنى دېموكراتىيە بولمىسا، شۇ كۈنى قارشى تۇرىمىز » دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
نامايىشقا يەنە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە «فالۇن داپا »نى قوللىغۇچىلارمۇ قوشۇلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ