ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

گەپ توشۇش، چېقىمچىلىق قىلىشمۇ بىر تۈرلۈك يالغانچىلىق ....
 

گەپ توشۇش

    گەپ توشۇش، چېقىمچىلىق قىلىشمۇ بىر تۈرلۈك يالغانچىلىق بولۇپ، بۇ قىلىق شۇ ئىنساننىڭ نىيىتى يامان ۋە روھىي كېسەل ئادەم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە دۈشمەن قىلىش، ئۆچمەنلىك توغدۇرۇشتىن باشقا مەقسىتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چېقىمچىغا قارشى جەڭ قىلىدىغان چوڭ قورال بولسا، ئۇنىڭ سۆزىگە قولاق سالماسلىقتۇر. ﷲ تائالا بىزنى شۇنىڭغا بۇيرۇپ: << قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە)گە ئىتائەت قىلمىغىن دېدى.سۇخەنچى ئادەم كىشىلەر ئارىسىنى بۇزىدىغان بولغاچقا ﷲ تائالا ئۇنداق ئادەمنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشتىن ۋە ئۇنىڭ گېپىنى قوبۇل قىلىشتىن مەنئى قىلىدۇ. بىركىشىدىن يەنە بىر كىشىگە يامان گەپ توشۇغۇچىغا ”سۇخەنچى“ دېيىلىدۇ.  

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ