ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى كۈچلەر بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-11 10:02:57 جەمئى 1708 قېتىم ئوقۇلغان.

گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى كۈچلەر بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى

گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى كۈچلەر بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى
10- ئىيۇل تىبەت ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، 9- ئىيۇن گېرمانىيىگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بىلەن كەلگەن خىتاي باش مىنىستىرى لىكېچاڭ مىيونخندا گېرمانىيە باش مىنسىتىرى مايكىل بىلەن كۆرۈشكەن.
گېرمانىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەتەر ئاستىدا قالغان مىللەتلەرگە ياردەم قىلىش جەمئيىتى، د ئۇ ق ئەزالىرى، تىبەت تەشكىلات ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇش قىلمىشىغا قارشى شۇئارلارنى توۋلاپ نامايىش قىلغان. ئۇلاردىن باشقا پالۈنگۇڭ ئەزالىرىمۇ قوشۇلۇپ باش مىنىستىر بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلغان.
خەۋەردە، لىكېچاڭنىڭ گىرمانيە زىيارىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيىتتە، ئاخبارات تارماقلىرى خىتاي ئۇزۇندىن بېرى نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى لىيۇشاۋبونىڭ ئايالى لىيۇشىيانى قويوپ بەرگەنلىكى، لىيۇشىيا شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىن ئايرىلىپ بېرلىنغا قاراپ يولغا چىققانلىقى، بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى لىيۇشىيانىڭ ئىنىسى لىيۇخۇينىڭ ئىسپاتلىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتقان.
تەھلىلچىلەر: خىتاي ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىۋاتقان، لىڭېچاڭنىڭ گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان بىر پەيىتتە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى لىيۇشاۋبونىڭ ئايالى لىيۇشىيانىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نەزەربەنىت قىلىشىدىن بوشىتىلىپ، چەتئەلگە چىقىشقا روخسەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى خىتاي تاجاۋۇزچلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدا خەلقئاردا يالغۇز قېلىشتىن قورقۇپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ھەمدە گېرمانىيىنى يېنىغا تارتىش ئۈچۈن ئالغان تۇنجى قەدىمى دېيىشمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ