ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

گوگېل شىركىتى قايتا تەشكىللىنىپ يېڭىدىن Alphabet شىركىتى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-08-11 15:45:02 جەمئى 55946 قېتىم ئوقۇلغان.

گوگېل شىركىتى قايتا تەشكىللىنىپ يېڭىدىن Alphabet شىركىتى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

گوگېل(Google) شىركىتى 11- ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى قايتا تەشكىللىنىپ، يېڭىدىن Alphabet ناملىق باش شىركەت قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، قايتا قۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، گوگېل شىركىتىنىڭ ئەسلىدە بار بولغان گوگېل ئىزدەش، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار، YouTube ۋە Android ساقلىنىپ قېلىنىدىكەن.

يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تارماقلار، مەبلەغ ۋە تەتقىقات بۆلۈمى، ئەقلى ئىقتىدارلىق ئائىلە سايمانلىرى بۆلۈمى، ۋە ئادەمسىز ئايروپىلان بۆلۈمى قاتارلىقلار بولۇپ، ھەممىسى باش شىركەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن.

لاررى پېيج ۋە سېرگېي برىن 1998- يىلى ھەمكارلىشىپ گوگېل شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ شىركەت ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتكە ئايلاندى، ئۇلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا يېڭى قۇرۇلغان شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى ۋە باش دېرىكتورى بولىدىكەن.

مەسئۇد


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ