ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

گوللاندىيە پارلامېنتى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش باشلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-29 15:57:16 جەمئى 1693 قېتىم ئوقۇلغان.

گوللاندىيە پارلامېنتى ئالدىدا بىر يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان خىتايغا قارشى يالغۇز كىشلىك نامايىش باشلاندى.

گوللاندىيە پارلامېنتى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش باشلاندى
ئۆز خەۋىرىمىز: گوللاندىيە پارلامېنتى ئالدىدا  بىر يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان خىتايغا قارشى يالغۇز كىشلىك نامايىش باشلاندى. 

نامايىشنى گوللاندىيىدىكى تەشكىلاتلار ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر بىرلىشىپ تەشكىللىگەن.
نامايىشنى گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان خەلقى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ھەركۈن بىر ياكى ئىككى كىشى نۆۋەتلىشىپ ئېلىپ بارماقچى بولغان.
نامايىش 19- نويابىر باشلانغان بولۇپ، بىر يىلغىچە داۋاملىق ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان. نامايىشنىڭ ئاساسى مەقسىدى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتى بىلدۈرۈش ھەمدە ھازىرقى دۇنيادا مۇشۇنداق بىر ئىنسانى دەپسەندىچىلىكنىڭ بارلىقىغا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش شۇنداقلا گوللاندىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان ، كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارشىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلماقچى بولسا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ