<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-14 16:26:16 جەمئى 1790 قېتىم ئوقۇلغان.

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى
14- سىنتەبېر گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان لاگېرلارغا قارىشى نامايىش قىلدى.
نامايىشتا -23 ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ گوللاندىيىنىڭ دام مەيدانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئابدۇرېھىم غېنى سۆز قىلىدى. سۆزىدە  گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قارشى نامايىشقا سەپەرۋەر قىلىپ،« پارلامېنت ئالدىغا كىلىشكە روخسەت قىلىنغانلار پارلامېنت ئالدىدا ، پارلامېنىت ئالدىغا كىلىشكە روخسەت قىلىنمىغانلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە خىتاينىڭ ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. ھەمدە ئۇيغۇرلار گوللاندىيىنىڭ قانداق يېرىدە نامايىش قىلماقچى بولسا ئىجازەتنى مەن ئالىمەن. نامايىشنىڭ ئالدا ئۆزۈم باشلاپ ماڭىمەن » دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئابدۇرېھىم غېنى 13- سىنتەبېر ( تۆنۈگۈن ) گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلشقا باشلىغان. نامايىش مەيدانىغا خىتاي لاگېرغا قامىغان تۇغقانلىرى ۋە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ سىمۋۇلى سۇپىتىدە چوڭ – كىچىك ، ئەرەنچە ۋە ئايالچە ئاياغلارنى تىزغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ