ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

گوللاندىيىدىكى خىتاينىڭ كۆكەمىلىكى غۇلغۇلا قوزغىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-06 17:08:02 جەمئى 1827 قېتىم ئوقۇلغان.

گوللاندىيىدىكى خىتاينىڭ كۆكەمىلىكى غۇلغۇلا قوزغىدى

گوللاندىيىدىكى خىتاينىڭ كۆكەمىلىكى غۇلغۇلا قوزغىدى
ئۆز خەۋىرىمىز، ئۇزۇندىن بۇيان گوللانىيەنىڭ دام مەيدانىدا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ 2018- 6-ئاينىڭ 23- كۈندىن ھازىرغىچە يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ كۆزىگە قادىلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى 19 - يانۋار كۈنى بىر كۆكەمە خىتاينىڭ قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ۋە قالايمىقانچىلىق چىقرىشى ئۇرۇنۇشىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
ئۇ كۈنى ئۇ نورمالقىدەكلا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئىشلەۋاتقان جىنايەتلىرىنى خەلققە ئاڭلىتىۋاتقان پەيتتە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بىرى ئايال، بىر ئەر ئىككى خىتاي پەيدا بولۇپ ئۇنى ھاقارەتلەشكە باشلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئەپتىبەشرىسىنىڭ ئېچىلىشىغا چىىدىمىغان خىتاي ئايال قەستەن ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنى كۈشكۈرتۈپ ئۇنى ھاقارەتلىگەن ۋە ئۇنى ئۆزىگە قول تەككۈزۈشكە ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قانۇنلۇق قىلىۋاتقان نامايىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نىيىتىگە يەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئابدۇرېھىم ئەپەندى دەرھال ساقچىغا تېلېفۇن قىلغان.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان بۇ خىتاينىڭ يولسىزلىقى شۇ كۈندىن بۇيان غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
كۆكەمە خىتاي ئۆز يولسىزلىقى بىلەنلا توختاپ قالماستىن بۇ ئىشنى يەنە ئەرز قىلغان بولۇپ، بۈگۈن ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى بىلەن ئۇ خىتاي ئايال ساقچىغا چاقىرتىلغان.
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، خىتايلار بۇ ئىشنى قەستەن چوڭايتىپ ئۆزىنىڭ بۇ يوللۇق نامايىشىنى چەكلەش مەقستىگە ئېرىشمەكچى ئىكەن. قالغان ئىشلار بۈگۈن ساقچىغا ئىپادە بەرگەندىن كېيىن مەلۇم بولىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ