ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

چىنار خانىم خىتاينىڭ پەسكەشلىكىنى ئاشكارىلىدى

چىنار خانىم خىتاينىڭ پەسكەشلىكىنى ئاشكارىلىدى

قازاق خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، قازاقىستان ئالماتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا ئوغلى ۋەتەن ئاقيول بىلەن بىرگە بارغان چىنار خانىم خىتاينىڭ قانچىلىك يۈزسىز، پەسكەشلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى.

چىنار خانىم ئېرىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن كونسۇلخانىغا كەلگەن بولسىمۇ، خىتايلار ئۇنى ئىچىگە كىرگۈزمىگەن.

چىنار خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېرىنى بىخەتەرلىك تەھدىدى دېگەن تۆھمەت بىلەن 18 ئاي قاماققا ئالغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن يول مېڭىپ يۈرۈپ ئاران تۈرمىدىن چىقارغۇزغان ئېرىنى ئەمدىلىكتە قازاقىستانغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ نالە قىلدى. شۇنداقلا تېخى تۆنۈگۈن بىخەتەرلىك تەھدىدى بار دەپ تۈرمىگە تاشلىغان، ھېچقانداق ئوقۇپ باقمىغان ئېرىنى بۈگۈن بىخەتەرلىك ساقچىسى قىلىپ قويغانلىقىنى، قازاقىستانغا قايتقىلى قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايلارغا قارىتىپ: سىلەرنىڭ ھەممە نېمەڭلار يالغان! دېدى.

ۋە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېرىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئېرىمنى نېمىشقا ئەۋەتمەيسىلەر؟ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق دەيدىغان بىرنەرسە بار. سىلەر بۇ ھەقلەرنى دەپسەندە قىلىپ ئائىلىمىزنى پارچىلاپ جىنايەت ئىشلەۋاتىسىلەر. مەن سىلەرنى مەھكىمىگە بېرىمەن! دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ