ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
 

پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى

 بىنادىكى ئوتنىڭ ئۇلغىيىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش يېڭى تېخنىكىسى: ئەنگلىيەدە يېقىندا بىر خىل كومپيۇتېر مودېلى تەتقىق قىلىپ چىقىلغان ئۇ بىنانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆلچەش قۇرۇلمىسى يىغقان سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، بىنادىكى ئوتنىڭ ئۇلغىيىش دەرىجىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ بېرەلەيدىكەن.

  توپلىشىپ ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن: ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار يېقىندا، تەتقىقات ئارقىلىق، توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ مۇستەقىل ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان ھايۋانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىغانلىقىنى، توپلىشىپ ياشاش جەريانىدىكى ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىش ئىقىتىدارىنىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالاقە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا قولايلىق يارىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

‹‹كەلگۈسىدىكى ئەسكەر›› مۇنداق بولىدىكەن: فىرانسىيە قورال - ياراغ باش مەھكىمىسى يېقىندا Felin كەلگۈسىدىكى ئەسكەر سىستېما قۇرۇلمىسىنى تاماملىغان. بۇنىڭدىكى ھەر بىر يۈرۈش سىستېما 90دىن كۆپرەك بۇيۇمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سىمسىز تېلېگراف ئۈسكۈنىسى، قارىغا ئالغۇچ، قىرغۇچى قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى، ئېلېكتىرونلۇق جىلىتكە ۋە كېچىدە كۆرگىلى بولىدىغان دۇربۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكتىرونلۇق جىلىتكىگە كومپيۇتېر، GPS سىستېمىسى، كۆرۈنمە ئېكران قاتارلىق ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولۇپ، ئەسكەرلەرنى تېخىمۇ ياخشى جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ