ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پەرزەنت تەربىيەسىدە توغرا دەپ قارالغان خاتالىقلار

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2014-05-27 16:28:29 جەمئى 2340 قېتىم ئوقۇلغان.

(32) بالىڭىزنىڭ غەزىپىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنماڭ ئەپسۇسكى بۇگۈنكى كۈندە ئەۋلات تەربىيەسىدە توغرىلار بىلەن خاتالار بىر- بىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەچكە ، ئاتا- ئانىلار بالىلارغا تەربىيە قىلغاندا ساغلام بولغان بىر ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكنى باستۇرۇپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىدا بالىلاردىن يوق قىلىشقا باشلىغان بىر ئىش ئۇلارنىڭ غەزىپىنى باستۇرۇش.

ئەپسۇسكى بۇگۈنكى كۈندە ئەۋلات تەربىيەسىدە توغرىلار بىلەن خاتالار بىر- بىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەچكە ، ئاتا- ئانىلار بالىلارغا تەربىيە قىلغاندا ساغلام بولغان بىر ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكنى باستۇرۇپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىدا بالىلاردىن يوق قىلىشقا باشلىغان بىر ئىش ئۇلارنىڭ غەزىپىنى باستۇرۇش.

غەزەپ ھەر بىر ئىنسان تۇغۇلۇشتىنلا بار بولغان ، خەتەرلەرگە قارشى ئۇ ئىنساننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇ ئىنسانغا بېرىلگەن بىر شەرتلىك رېفلىكىستۇر. ئەسلىدە غەزەپلىنىش ساغلام بولغان ھەر بىر ئىنساندا بار بولغان شۇنداقلا بولۇشى كېرەك بولغان بىر تۇيغۇدۇر.

بۇ ئىنساننىڭ كۈچكۈك ياكى ئاجىز ئىنسان بولۇشى بىلەن ئالاقىسى يوقتۇر. غەزەپلەنگەن چاغدا ئىنسانىڭ ۋۇجۇدىدا ھاسىل بولغان ھورمونلار ، ئۆزىدىن نەچچە ئون ھەسسە كۈچلۈك بولغان بىرىنى يەرگە ياتقۇزۋەتكىدەك دەرىجىدە ئېنىرگىيە مەنبەسىدۇر.

ئىنسان ئىچىدە بار بولغان بۇ غەزەپ تۇيغۇسىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆزىنى ئىجتىمائىي

 ھاياتتا بىخەتەر ھېس قىلالايدۇ. غەزىپى بىلەن ئۆزىنڭ غۇرۇرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا تىرىشىدۇ. غەزىپى بىلەن ئۆزىنىڭ شەرەپ ۋە نومۇسىغا ئۇزۇتۇلغان ناپاك تىل ۋە قولغا قارشى تۇرالايدۇ.

غەزەپلىنىشى تۇيغۇسى سۇندۇرۇلغان ئىنسان بولسا كىتاپنىڭ باشلىرىدە بېرىلگىنىدەك تىرناقلىرى كېسىلگەن قۇشتەك قورقۇنچاق ۋە چارىسىز بولۇپ قالىدۇ. يۈرىكى مېھرى شەپقەت بىلەن تولغان بىراق جاھىل بولغانلىقتىن قارغا بىلەن قورغۇينىڭ پەرقىنى بىلەلمىگەن بىر موماي بۇ قورغۇينى قانداق قىلىپ قويغانلىقى ئېسىڭىزدە باردۇر بەلكىم. يەنى سۈزۈك ئاسمانلار باغرىدا قانات قېقىپ ئوچ ئوۋلايدىغان بۈركۈتنى بىر قورقۇنچاق قاغىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن غەزەپلىنىشتىن چەكلەنگەن بىر بالا ئۆزىگە قارىتا كېلىۋاتقان ھەرقانداق بىر خەتەرلەرگە قارشى قاناتلىرىنى كېرەلمەيدۇ. چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، مۇشتۇملىرىنى تۈگەلمەيدۇ. ئاۋازىنى كۈچەيتىپ ، دۈشمىنىگە قارشى ئېتىلىپ كېلەلمەيدۇ. ئەسلىدە ئاشۇنداق مۇھىم بولغان بىر غەزەپ ، ئەپسۇسكى بالا تەربىيەسى باسقۇچىدا ئاتا- ئانىلار تەرىپىدىن  كۆپىنچە: بالام ئۇرۇشىمەن دەپلا تۇرىدۇ دەپ ئۇنى بېسىشقا تىرىشىلىدۇ. ھالبۇكى غەزەپ، بالىلارنى خەتەرلەردىن مۇھاپىزەت قىلغان بۈركۈتنىڭ تىرناقلىرىنىڭ ئورنىدادۇر

 

بالىڭىزنىڭ غەزىپىنى باستۇرۇپ قويماڭ

ئەپسۇسكى بۇگۈنكى كۈندە ئەۋلات تەربىيەسىدە توغرىلار بىلەن خاتالار بىر- بىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەچكە ، ئاتا- ئانىلار بالىلارغا تەربىيە قىلغاندا ساغلام بولغان بىر ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكنى باستۇرۇپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىدا بالىلاردىن يوق قىلىشقا باشلىغان بىر ئىش ئۇلارنىڭ غەزىپىنى باستۇرۇشقا تىرىشىشتۇر.

غەزەپ ھەر بىر ئىنسان تۇغۇلۇشتىنلا بار بولغان، خەتەرلەرگە قارشى ئۇ ئىنساننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇ ئىنسانغا بېرىلگەن بىر شەرتلىك رېفلىكىستۇر. ئەسلىدە غەزەپلىنىش ساغلام بولغان ھەر بىر ئىنساندا بار بولغان شۇنداقلا بولۇشى كېرەك بولغان بىر تۇيغۇدۇر.

بۇ ئىنساننىڭ كۈچكۈك ياكى ئاجىز ئىنسان بولۇشى بىلەن ئالاقىسى يوقتۇر. غەزەپلەنگەن چاغدا ئىنسانىڭ ۋۇجۇدىدا ھاسىل بولغان ھورمونلار ، ئۆزىدىن نەچچە ئون ھەسسە كۈچلۈك بولغان بىرىنى يەرگە ياتقۇزۋەتكىدەك دەرىجىدە ئېنىرگىيە مەنبەسىدۇر.

ئىنسان ئىچىدە بار بولغان بۇ غەزەپ تۇيغۇسىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆزىنى ئىجتىمائىي

 ھاياتتا بىخەتەر ھېس قىلالايدۇ. غەزىپى بىلەن ئۆزىنڭ غۇرۇرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا تىرىشىدۇ. غەزىپى بىلەن ئۆزىنىڭ شەرەپ ۋە نومۇسىغا ئۇزۇتۇلغان ناپاك تىل ۋە قولغا قارشى تۇرالايدۇ.

غەزەپلىنىشى تۇيغۇسى سۇندۇرۇلغان ئىنسان بولسا كىتاپنىڭ باشلىرىدە بېرىلگىنىدەك تىرناقلىرى كېسىلگەن قارچۇغىدەك  قورقۇنچاق ۋە چارىسىز بولۇپ قالىدۇ. يۈرىكى مېھرى شەپقەت بىلەن تولغان بىراق جاھىل بولغانلىقتىن قارغا بىلەن قورغۇينىڭ پەرقىنى بىلەلمىگەن بىر موماي بۇ قارچۇغىنى  قانداق قىلىپ قويغانلىقى ئېسىڭىزدە باردۇر بەلكىم. يەنى سۈزۈك ئاسمانلار باغرىدا قانات قېقىپ ئوچ ئوۋلايدىغان قاراچوغىنى بىر قورقۇنچاق قاغىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن غەزەپلىنىشتىن چەكلەنگەن بىر بالا ئۆزىگە قارىتا كېلىۋاتقان ھەرقانداق بىر خەتەرلەرگە قارشى قاناتلىرىنى كېرەلمەيدۇ. چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، مۇشتۇملىرىنى تۈگەلمەيدۇ. ئاۋازىنى كۈچەيتىپ ، دۈشمىنىگە قارشى ئېتىلىپ كېلەلمەيدۇ. ئەسلىدە ئاشۇنداق مۇھىم بولغان بىر غەزەپ ، ئەپسۇسكى بالا تەربىيەسى باسقۇچىدا ئاتا- ئانىلار تەرىپىدىن  كۆپىنچە: بالام ئۇرۇشىمەن دەپلا تۇرىدۇ دەپ ئۇنى بېسىشقا تىرىشىلىدۇ. ھالبۇكى غەزەپ ، بالىلارنى خەتەرلەردىن مۇھاپىزەت قىلغان قارچۇغىنىڭ  تىرناقلىرىنىڭ ئورنىدادۇر

 ئورۇنلۇق غەزەپ  ئىجتىمائىي ھاياتنى رەتكە تۇرغۇزىدۇ.

بىر ئوغرى ، ئۆزىدىن خېلىلا ئاجىز بولغان بىر ياش قىزنىڭ سومكىسىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن يەنە نېمە دەپ قېچىپ كېتىدۇ. ياكى ئوغرىلار قولىدا قورال تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئاۋاز چىقارماستىن ، يوشۇرۇن ئوغرىلىق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بالىلاردىن يامان يوللار ئارقىلىق پايدىلانغان نومۇسىز ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن بۇ مەقسىدىنى ئاستا- ئاستا ، تەدرىجىي يول بىلەن ئېلىپ بارىدۇ.

مانا بۇلارنىڭ تېگىدە تۇرغان سەۋەپ ، ئۆزلىرى ئۇچرايدىغان غەزەپتىن قورقانلىقى ئۈچۈندۇر. ھەم ئىنسانلاردىن ، ھەم ئۆزى تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرىغان ئوغرى ، بۇلاڭچى  ۋە تاجاۋۇز قىلغۇچى ، ئۆزى پىلانلىغان ئىشنى غەزەپكە دۇچار بولمايدىغان ھالەتتە ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىدۇ. مەيلى ئىنسان ئۇنى ھېس قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ھەر بىر ئىنساندا ئاكتىپ بولغان بىر غەزەپ تۇيغۇسىنىڭ بولۇشى ، ئىجتىمائى ھاياتنىڭ تەرتىپلىك داۋام قىلىشى ئۈچۈن لازىم بولغان ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. ئىنسان ئۆزى ھاكىم بولالايدىغان بىرمۇنچە يامانلىقنى يوق قىلىشقا مۇھاپىزەت قىلغۇچى بىر قالقاندۇر.

غەزەپ بالىلارنى باشقىلار تەرىپىدىن بۆزەك قىلىنىشىدىن قوغداپ قالىدىغان بىر قۇرالدۇر.

ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەر ۋە ئەمەلىي مىساللار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، باشقىلار تەرىپىدىن بۆزەك قىلىنىشقا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ بوزەك قىلغۇچىسىنىڭ قولىدىن قۇتۇلالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنىڭ بىرى بالىلارنىڭ غەزەپ تۇيغۇسىنى ئىشلەتمەسلىكىدۇر.

ئەپسۇسكى ئاتا- ئانىلار بىلىپ – بىلمەستىن ، بالىلىرىنى تەربىيلىگەندە ئۇلارنىڭ تەبئىي مۇھاپىزەت قىلىش كۈچى بولغان غەزەپلىنىشنى بېسىپ قويۇشقا ۋە ياكى ئاچىغلانمايدىغان قىلىپ قويۇشقا تىرىشىدۇ. غەزەپنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى ئويلىماستىن ، پەقەتلا زىيانلىرى نەزەرگە ئېلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە ئۇسۇللىرى بالىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ توزاقلىرىغا چۈشۈپ كېتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە.

باشقىلار تەرىپىدىن بۆزەك قىلىنىشقا ئۇچرىغان بالىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە: سەن نېمە ئۈچۈن قارشىلىق بىلدۈرمىدىڭ؟ دەپ سورالغان سوئالغا بۇ بالىلار: قارشىلىق بىلدۈرسەم ماڭا ئاچىغلىنىشىدىن قورقتۇم، دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى كۆرۈلمەكتىدۇر. ھالبۇكى، غەزەپ دەل بۇ نوقتىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك ئىدى. بالىلار بوزەك قىلىنغاندا ھېس قىلغان قورقۇ ۋە غەزەپنى ، غەزەپ تۇيغۇسى بىلەن ۋاقىراپ – جاقىراش، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ بالىلارنىڭ غەزەپ تۇيغۇسى توغرا بىر ھالەتتە ئىشلىتىش تەربىيەسى بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن خۇددى بىر بىچارە قۇشتەك ئۇلارنى بۆزەك قىلغۇچىلارنىڭ قولىدا قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

باشقىلار تەرىپىدىن بۆزەك قىلىنغان بالىلارنىڭ ئائىلە تۈزۈلۈشى ئۈستىدىن ئېلىپ  بېرىلغان كۈزۈتىشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئائىلە ئىچىدىكى پىسخولوگىيلىك ۋە ھىسسىيات جەھەتتىكى بېسىمنىڭ بولغانلىقى ئاشكارلانغان. بۇ خىل ئائىلىلەردە  بالىلارنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى غەزەپ تۇيغۇلىرىنى ئىپادە قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ئوتتۇرغا چىقماقتا. ھالبۇكى ئائىلە مۇھىتى خۇددى بىر چېنىقىش مەيدانىدۇر. بالىلار ئائىلە ئىچىدە ئۆزلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ. ئائىلە ئىچىدە ئۆزلىرىنى كەلگۈسى ھاياتى ئۈچۈن تەربىيلەيدۇ.

خۇددى يۇقىردا بايان قىلىنغان قارچۇغىنىڭ مىسالىدەك. خاتا تەربىيە ئۇسۇللىرى بىلەن بالىلارنىڭ ئائىلە ئىچىدە خۇددى ئاشۇ قارچوغىدەك  تۇمشۇقلىرى كېسىلىدۇ. قاناتلىرى قىسقارتىلىدۇ ۋە تىرناقلىرى كېسىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالا ئۆزىگە يۈزلەنگەن خەتەرگە تاقابىل تۇرغۇدەك ئىقتىداردا بولالمايدۇ.

 

غەزەپنى تىزگىنلىمەسلىك زىيانلىق ئەمەسمۇ؟

بالا تەربىيەسى بىلەن مەشخۇل بىر ئاتا- ئانىنىڭ ئەقلىگە بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن: غەزەپنى تىزگىنلىمەسلىك زىيانلىق ئەمەسمۇ؟ ناۋادا بالىلاردىكى بۇ غەزەپنى تىزگىنلىمىسەك بۇ غەزەپ ئەتە بىر كۈن بالىنىڭ ھەم ئۆزىگە ، ھەم ئەتراپىغان زىيان سالماسمۇ؟  دېگەن سوئال كېلىشى ئېنىق.

بۇ سۇئالغا: شۇنداق، زىيان سالىدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىمىز. ناۋادا بالا تەربىيەسىدە بالىغا غەزىپىنى قانداق كونتۇرول قىلىش ھەققىدە بىر مېتوت قوللانمىسا ئۇ چاغدا بۇ غەزەپ ھەم بالىنىڭ ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر زىيانلارنى سېلىشى مۆمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە تۆۋەندىكىدەك سوئاللار سورىلىشى مۆمكىن: غەزەپلەنگەندە ئۆزىنىڭ ئاچىغلىنىشنى قانداق قىلغاندا تىزگىنلىگىلى  بولىدۇ . بىر تەرەپتىن غەزەپلىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش كېرەك دېسەك، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ غەزەپلىنىشنى قانداق قىلغاندا تېگىشلىك يەردە ئىپادىلەش كېرەكلىكىنى قايسى خىل مېتوت بىلەن ئىپادىيەلەيمىز؟

شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، غەزەپلىنىش بىر نورمال ھېس تۇيغۇدۇر. ئەقىل غەزەپنىڭ ئالدىنى ئالالىغان بىلەن غەزەپ كۆپىنچە ۋاقىتتا ئەقىلنىمۇ كونتۇرول قىلغىدەك دەرىجىدە كۈچلۈكتۇر. بۇ سەۋەپتىن غەزەپلەنگەن بىر ئىنسانغا پەقەتلا : ئەقلىڭنى ئىشلەتكىن، ئۆزەڭنى بېسىۋال! دېيىشنىڭ ئۆزى يەتمەيدۇ. ۋە ياكى :غەزەپلەنگەن ۋاقتىڭدا چوڭقۇر بىر نەپەس ئالغىن، بىردىن ئونغىچە سانىغىن! دېگەن سۆزلەرمۇ كار قىلمايدۇ. بولۇپمۇ مۇنداق نەسىھەتلەرنى كىچىك بالىلارغا ئاڭلىتىش پەقەتلا مۆمكىن ئەمەس. غەزەپنى تىزگىنلەپ ،ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا تەۋسىيە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچە سادىر قىلىدىغان خاتالىقىمۇ بۇ تەرەپتىن بولىدۇ.

غەزەپ بىر ھېس تۇيغۇدۇر، دېدۇق. بۇ تۇيغۇنىڭ يوقاپ كەتمەستىن بىر نىزام ئىچىدە تىزگىنلىنىشنىڭ ئۆزىمۇ يەنە تۇيغۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنداق بولغانكەن، غەزەپنى ئۆلتۈرۈپ قويماستىن ئۇنى ئىچىدە ئۇيغۇن بولغان بىر تېمپىراتۇرادا تۇتۇپ تۇرۇدىغان ھېس تۇيغۇ قانداق بولىدۇ؟

غەزەپ بولسا بىر زەھەر ، ۋىجدان زەھەر قايتۇرغۇچىدۇر.

غەزەپ تەربىيەسىدە ۋىجدان تۇيغۇلىرىنى قوللىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.  ئاتا – ئانىلار تۆت يېشىدىن باشلاپ بالىلاردىكى ۋىجدان تۇيغۇلىرىنى ئىشقا سالالايدىغان تەربىيە ئۇسۇلىرىنى قوللىنىشقا باشلىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلىپ قالماستىن ، ھەر ۋاقىت بالىلارنى ۋىجدان تۇيغۇلىرى ھەققىدە سىناپ ۋىجدان تۇيغۇلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتا يۈنۈلۈشتە تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۈزۈتۈش ئېلىپ بېرىشى لازىم. تۆۋەندە بايان قىلىنغانلىرى بولسا بۇ ھەقتىكى سوئاللارنىڭ تېخىمۇ ئايدىڭلىشىش ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدۇ.( داۋام قىلىدۇ)  

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر   

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ