<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پۇتىن رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرق ئىقتىسادىي مۇنبىرىدە خىتاي شى بىلەن كۆرۈشكەن.

 

11- سىنتەبېر خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، پۇتىن رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرق ئىقتىسادىي مۇنبىرىدە خىتاي شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

خەۋەردە كۆرۈشۈشتىن كېيىن ۋىلادىمىر پۇتىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ،  رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا سوممىسىنىڭ بۇلتۇر %30 ئېشىپ 50 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە سودا سوممىمىزنىڭ 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىدا مىللىي پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىش مەسىلىسدىمۇ توختىلپ، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىدا مىللىي پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى سودىدا مىللىي پۇللار ئىشلىتىلسە بانكىچىلىق سىستېمىلىرىمۇ ساغلام بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  

خەۋەردە پۇتىن يەنە، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، رۇسىيە-خىتاي يول خەرىتىسىگە مۇۋاپىق ھالدا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللاردىن ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە ھاكىمىيەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن، كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى نورماللاشقان تەقدىردە كورېيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ