ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پىشقەدەم تىۋىپ ئابدۇلھەمىد تام ئۇيغۇر ۋاپات بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-03-02 17:24:57 جەمئى 2851 قېتىم ئوقۇلغان.

پىشقەدەم تىۋىپ ئابدۇلھەمىد تام ئۇيغۇر ۋاپات بولدى

پىشقەدەم تىۋىپ ئابدۇلھەمىد تام ئۇيغۇر ۋاپات بولدى
جىنازا نامىزىغا تەكلىپ
ئىستانبۇلدا مۇلايىملىقى ۋە مېھماندوستلىقى بىلەن تونۇلغان پىشقەدەم تىۋىپ ئابدۇلھەمىد تام ئۇيغۇر بۈگۈن ئىستانبۇلدا باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى.
مەرھۇم ۋەتەندىمۇ تىۋىپلىق بىلەن تونۇلغان كىشى بولۇپ، بۇندىن 6 يىل بۇرۇن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەلىماتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئوغلى ئابدۇلغاففار تام ئۇيغۇرنىڭ يېنىغا تۈرك پۇقراسى سۈپىتىدە ئېلىپ كېلىنىپ 16 يىللىق ھەسرەتتىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغان ئىدى.
مەرھۇم بىر ھەپتە بۇرۇن مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىك سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان بولۇپ، بۈگۈن ۋاپات بولدى.
مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى ئەتە يەكشەنبە پىشىن نامىزىدىن كېيىن چۈشۈرۈلىدۇ.
ئورنى: سۇلتان بەيلى ئابدۇراھمان غازى جامىسى.
مەرھۇمنىڭ ئائىلىسى ئىستانبۇلدىكى كەڭ خەلقىمىزنى جىنازا نامىزىغا قاتنىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن.
تەزىيە تېلېفۇن نومۇرى: 05313817080


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ