ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پرېزىدېنت ترامپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسدە قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-05 15:08:02 جەمئى 584 قېتىم ئوقۇلغان.

پرېزىدېنت ترامپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسدە قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرىلدى

پرېزىدېنت ترامپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسدە قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرىلدى
5- نويابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلىرى ئىرقى قىرغىن قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قارىتا قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرغان.
دېموكراتچىلار پارتىيىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى Edward J. Markey ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ ئاسىيا تىنچ- ئوكيان شۆبىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئىنسانى دەپسەندىچىلىك ھەققىدە ئېچىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلىپ،« بىزدەك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى ئەۋۋەل پرېزىدىنتتىن باشلىنىشى كېرەك. چۈنكى پرېزىدېنت ئىشخانىسى بىزنى قوللاپ بەرمىسە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا ئامالسىز قالىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئىسپات ئاڭلاش يىغىندا يەنە، پرېزىدېنت ترامپ گ 20 يىغىلىشىدا شى بىلەن كۆرۈشكە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىسىتان خەلقىنى سەۋەبسىز لاگېرغا تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغان ياكى قىلىنمىغانلىق مەسىلىسىمۇ سوئال شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ بىراق سۇئالنىڭ جاۋاب چىقمىغان.
ئىسپات ئاڭلاش يىغىندا يەنە، «پرېزىدېنت ترامپ شى بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايغا ئامېرىكا خەلقئارادا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورىنى جارى قىلدۈرۈش يولىدا بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرك ئىدى» دېگەن سۆزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىسپات ئاڭلاش يېغىندا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا ياشاۋېتىپ خىتاينىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە دۈچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇندىن باشقا لاگېردىن قۇتۇلۇپ باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئەلچىخانا ئارقىلىق ياردەم قىلىش كېرەكلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان لاگىرىغا تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىنى تەپسىلى ئىگىلەش ھەمدە خىتاينى شەرقي تۈركسىتان خەلقىنى باستۇرۇشتىن ۋاز كەچكۈزۈش ئۈچۈن بارلىق خەلقئارادىكى كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشقا سېلىش تەكىتلەنگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ