ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پروفېسسور قارلۇق بەنگۈ تۈرك قانىلىدا غۇلجا قەتلىئامىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-06 14:28:49 جەمئى 1760 قېتىم ئوقۇلغان.

پروفېسسور قارلۇق بەنگۈ تۈرك قانىلىدا غۇلجا قەتلىئامىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى

پروفېسسور قارلۇق بەنگۈ تۈرك قانىلىدا غۇلجا قەتلىئامىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى
4 – فېۋرال تۈركىيەنىڭ بەنگۈ تۈرك قانىلى تۈرك دۇنياسىدا بۇ ھەپتە پروگراممىسىدا 22 يىل بۇرۇن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ غۇلجىدا ئېلىپ بارغان 5 – فېۋرال قەتلىئامىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.
پروگراممىدا ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان قايسى شەكىللەردە ئاسمىلاتسىيە ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى تارىخ باسقۇچلىرى بىلەن يىغىنچاقلاپ چۈشەندۈردى.
ئۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىمۇ توختالدى ۋە غۇلجا قەتلىئامىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، خىتاينىڭ غۇلجىنى نىشانغا ئېلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى ۋە قەتلىئامدىن بۇرۇن غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى نىشان قىلغان خىتاي سۈيقەستلىرىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
پروفېسسور يەنە 5 – فېۋرال كۈنى بەنگۈ تۈرك قانىلىنىڭ بۈگۈننىڭ دوكىلاتى ناملىق پروگراممىسىغا نەق مەيدان مېھمىنى بولۇپ قاتناشتى ۋە بۇ پروگراممىدىمۇ غۇلجا قەتلىئامىنىڭ ئالدى كەينى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىي سىياسىتىنى تېخىمۇ تەپسىلى ھالدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
پروفېسسور يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى جىددى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەكتە.
پروگراممىنىڭ تولۇق جەريانىنى قانىلىمىزدىن كۆرۈۋالالايسىلەر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ