ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پالۋان كۇلۇپى ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى

پالۋان كۇلۇپى ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى
ئۆز خەۋىرىمىز: 28- ئىيۇلدىن 29- ئىيۇلغىچە ئىستانبۇلدىكى كۇلۇپلار بويىچە باكىركۆي ئاتاتۈرك ياشام كۆيۈ يېپىق تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن تايلاندچە ئەركىن مۇشتلاش مۇسابىقىسىدە پالۋان قۇلۇپ ئەزالىرىدىن 10 ئۇيغۇر پەرزەنتى بىرىنچى بولدى.
مۇسابىقە ئىستانبۇلدىكى قۇلۇپلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ مۇسابىقىگە ئىستانبۇلدىن 23 كۇلۇپ قاتناشتى. تايلاندچە مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىگە ھۈسەيىن ھاجىم ئۆزتۈرك تەشكىللىگەن پالۋان قۇلۇپىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى قاتناشتى. مۇسابىقىنىڭ تايلاندچە مۇشتلىشىش تۈرىدە شەخسلەر بويىچە ھۈسەيىن ھاجىمنىڭ پەرزەنتى ئىمران ئۆزتۈرك، ئىرڧان ئۆزتۈرك، ئىكرام ئۆزتۈرك، ئېھسان ئۆزتۈرك، ئىلھام ئۆزتۈرك، ئۇندىن باشقا مۇستاپا سۇلتان،مەھمۇد سۇلتان، ھەمزە مۇرات، سۈرەيىم ئۆمەر، مۇھەممەد ئابدۇسالام قاتارلىق پەرزەنتلەر بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
قۇلۇپلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە پالاۋان قۇلۇپى ئۈچ لوڭقىنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىستانبۇل مايتار پېدېراتسىيۇن رەئىسى خالىس ئاۋشار بىلەن باكىركۆي ناھىيە ھاكىمى بۆلەنت كەرىم ئوغلۇ لوڭقا ۋە مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى.
پەلۋان قۇلۇپىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى، باھالىغۇچى ۋە قاتناشقۇچىلارنى ھەيران قالدۇرۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقان قۇلۇپلار ئىچىدە پەرقلىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.
پالۋان قۇلۇپى 2016- يىلى 2- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئىككى جەريانىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئەركىن مۇشتلاش، بوكس ساھەسىدە تەبىيىلەش ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ