ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

يېڭى كابېنت ئەزاسى ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇنىڭ تەرجىمىھالى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-10 15:12:03 جەمئى 592 قېتىم ئوقۇلغان.

يېڭى كابېنت ئەزاسى ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇنىڭ تەرجىمىھالى

يېڭى كابېنت ئەزاسى ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇنىڭ تەرجىمىھالى

سابىق تەنتەربىيە لاتارىيەسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇ ئوسمان ئاشكىن باكنىڭ ئورنىغا يېڭى كابېنتتا ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

 مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇ 1976-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. مارمارا ئۇنىۋېرستېتى ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇ شۇ ئۇنىۋېرستېتنىڭ مەھەللىۋى ئىدارىلەر ۋە تۇرۇشلۇق جايىدىن باشقۇرۇش پىروگراممىسى بويىچە ماگېستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئامېرىكا فلورىدا ئىشتات ئۇنىۋېرستېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىدا باشقۇرۇش كەسپىدە تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە لايىھە كوردىناتورى بولۇپ خىزمەت قىلغان. پالم بىچ ئاتلانتىك ئۇنىۋېرستېتىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ماگېستىرلىق ئوقۇغان. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىدىن يەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېمىسىدىكى تەتقىقات ماقالىسى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان.

ئۇ تۈركىيە ۋە چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ۋە مۇھىم مەنسەپلەرنى تۇتقان. ئۇ خۇسۇسىي شىركەتلەردە خەلقئارالىق سودا بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.

2009-يىلى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىدا ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان.

تەنتەربىيە لاتارىيەسى ئىدارىسى باشلىقى بولغان كۈنلەردە، تەنتەربىيىنى كەڭ ئاممىغا ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە نۇرغۇن تەسىسلەرنى  قورۇپ چىققان . ياشلىق، مائارىپ ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەش ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن.

ئۇنىڭ بىر پەرزەنتى بار، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە تىللىرىنى ياخشى بىلىدۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ