ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى

يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى

(تەرجىمە ئەسەر) 

    كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولمىغان ئىنسانلارنىڭ قولىدىكى ھەربىر تەشەببۇس، ھەربىر پىكىر، ھەربىر غايە، ھەربىر خەلق ئېغىر خەتەر ۋە ئۆلۈم تەھتىدى ئاستىدا قالىدۇ.

    1918-يىلى چاناققەلئە ئۇرۇشىدىكى «نۇرۇل بەھىر» ئۇرۇش پاراخوتىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىسمائىل ئىسىملىك ئەسكەر قاراڭغۇ كېچىدە بىر نەرسىنىڭ يورۇق نۇر چاچقان ھالدا ئۆزى نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان پاراخوتقا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ نەرسە دۈشمەننىڭ پاراخوتىدىن ئۇلارغا قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەن سۇ بومبىسى ئىدى. بۇ بومبا پاراخوتقا تېگىپ پارتلىتىۋېتىدىغانغا پەقەت بىر قانچە سېكۇنت ۋاقىت قالىدۇ. بۇرۇن «پەلەڭئى دەريا» ناملىق پاراخوتمۇ مۇشۇنداق بىر بومبا بىلەن چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەھۋالى شۇنچىلىك ئېغىر ئىدىكى، ھەتتا بىر تال زەيتۇن چاغلىق نەرسە بولسىمۇ دۆلەت ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ھېسابلىناتتى. ئۇ يىللاردا دۆلەتنىڭ قالايمىقان ئاتقان بىر تال ئوقنى چىقىم قىلغۇدەكمۇ ھالى قالمىغان ئىدى. ئەمما ھازىر دۆلەتنىڭ زىيان تارتىدىغىنى بولسا ناھايىتى چوڭ بىر ئۇرۇش پاراخوتى ۋە

يۈزلىگەن ئەسكەرلەر ئىدى.

    ئىسمائىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا بىر قارارغا كېلىدۇ ۋە سېكۇنت ئىچىدە

شىددەت بىلەن كېلىۋاتقان سۇ بومبىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنى ئۆز بەدىنى بىلەن توسىدۇ. بومبىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىدىن قالغىنى بولسا پەقەت پاراخوتقا ئۇچۇپ چۈشكەن قولىنىڭ بىرقانچە بارماقلىرى بولىدۇ.

    قەھرىمانلىق كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ناھايىتى يۇقىرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاستىدا بارلىققا كېلىدۇ.

    دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاددىي ئەسكىرى ئىسمائىلنىڭ بۇ ھەرىكىتى پەقەتلا ئىنسانىي ۋە ماددىي زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتى ئەمەس ئىدى. ئۇ شۇنداق بىر نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىدىكى، ۋەزىپىسىگە بولغان مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقى ئۈچۈن پىدا قىلغان ھاياتى مىللىتىنىڭ روھى بولدى.

    مىللەت بەرداشلىق بېرىشكە، ۋەزىپە ئەخلاقىغا، شەرەپ ۋە سەزگۈرلۈككە بىر پاراخوتقا موھتاج بولغاندىنمۇ بەكرەك موھتاجدۇر. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئاددىي ئەسكىرى ئىسمائىل ۋەتىنىگە، مىللىتىگە بۇلارنى بېرەلىدى. سىزنىڭ ھاياتىڭىزمۇ بىر نۆۋەتچىلىك ھاياتىدۇر. بارلىق نۆۋەتچىلەر ئۆز قاراۋۇللۇقىنى، كۆزەتچىلىكىنى بۇ قەھرىماندەك ئۆتىشى كېرەك.

    سۇغا سەكرەپ چۈشكەندە سۇ بومبىسىنىڭ كۆكرىكىگە كەلگەن ۋاقىت ھاياتلىقنىڭ يۈرەككە تۇتاشقان ۋاقتىدۇر.

    ئىسمائىل سۇغا سەكرىگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇنىڭدىن ئۈمىد

كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مىليونلىغان خەلقى بار ئىدى.

    ئىسمائىلى بولمىغان بىر ئەسكىرى كۈچ ئىگە بولغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ھېچقانداق

قىممىتى يوقتۇر.

    بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇن پاك ئېتىقادلىق ئىسمائىل دادىسى ئىبراھىمنىڭ پىچىقى ئاستىدا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش، ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ھاياتى بەدىلىگە دادىسىغا بويۇن ئەگكەن بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئاسماندىن بەرىكەتلەر ياغقان، ياردەمگە ئېرىشكەن ئىدى.

    ئىبراھىم پەقەت ئىسمائىل بىلەن ئىبراھىمدۇر. ئىسمائىل بولغان ھەرقانداق يەردە بەرىكەت باردۇر، غەلىبە باردۇر، خاتىرجەملىك باردۇر. مانا مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمائىلغا ئىگە بولالمىغانلار دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ھېچنىمىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئەگەر چولپانلاردىن، ئاۋانگارتلاردىن تەييارلانغان بىر گۇرۇپپا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەزىپىسىنى بىلىدىغان، جاۋابكارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بىر كىشى بولمىسا، ئۇلار مەغلۇبىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ