<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ئىنسان بالىسىنىڭ قەدىر – قىممىتى ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن بولىدۇ.

بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر، بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز يارماقتۇر.

 ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ، بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
 بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ نامى تىرىك بولىدۇ، بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ.
 ئاتا – ئاناڭ سەندىن رازى بولسا، تەڭرىمۇ سەندىن رازى بولىدۇ.

— يۈسۈپ خاس ھاجىپ

 

يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11- ئەسىردە قاراخانىيلار ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە قەشقەردە ياشىغان داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمى، پەيلاسوپى، شائىر، دۆلەت ئەربابى ھەم تىبابەت بىلەن چوڭقۇر تۇنۇشلىقى بار بۈيۈك ئالىم. ئۇنىڭ ئالەم شۇمۇل نادىر ئەسىرى ‹‹قۇتاد غۇبىلىك››(بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم) قانۇنچىلىق، ئەخلاق، دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە تەۋسىيە قىلىش قاتارلىق كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇنداقلا ئەسەرگە يەنە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزەريىسى ۋە ساقلىقنى ساقلاش قانۇنلىرى، داۋالاش ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەزمۇنلار سىڭدۈرۈلگەن.

ھاياتى

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم، مۇتەپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالاساغۇندا توغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. ئەدىب ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462- يىلى(مىلادىيە 1069- يىلى) قەشقەردە يېزىپ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھابېرىپ مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق ئۇنۋانى بېرىپ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادىيە 1085- يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلۇپ، قايسى يىلى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە تېخى ھازىرغىچە ئېنىق تارىخىي مەلۇمات يوق. لېكىن ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› تىكى بەزى بېيىتلاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتىغا ئائىت بەزى يىپ ئۇچىغا ئىگە بولىمىز.

يىل ئاتمىش ئىكى ئەردى تۇرت يۈز بىلە،

بىتيۇ تەكەتتىم بۇ سۆز ئۈلگۈلە.

(مەزمۇنى: تۆت يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىل ئىدى،

بۇ سۆزلەرنى تاللاپ، يېزىپ تاماملىدىم.)

تۇكەل ئون سەككىز ئايدا ئايدىم بۇ سۆز،
ئۆدۈردۈم مەن ئەتنوتە كەتتىم تۇرا.
(مەزمۇنى: بۇ سۆزلەرنى ئون سەككىز ئايدا سۆزلەپ تۈگەتتىم،
سۆزلەرنى تاللاپ، ئايرىپ، تېرىپ رەتلىدىم.)
بۇ بېيىتلاردىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھىجىرىيەنىڭ 462 – يىلى (مىلادىيە 1069 — 1070 – يىللىرى) غا توغرا كېلىدۇ.

تەگوردى ماڭا ئەلگىن ئەلىگ ياشىم،

قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم.

(مەزمۇنى: تەگكۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم،

قوغۇ(ئاق قۇ) قىلدى قۇزغۇن تۈسىدەك بېشىم.)

بۇ مىسرالاردىن مۇئەللىپنىڭ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنى يېزىۋاتقان چاغلىرىدا 50 ياشلاردىن ئاشقانلىقى، داستاننى يېزىپ بولغان ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، تەخمىنەن مىلادىيە 1018 – ياكى 1018 – يىلى تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. داستاننى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، مۇئەللىپ ئۇنى قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ھەسەن بۇغراخان مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق (ئارىچى، ۋەكالەتچى، خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى دېگەن مەنىلەردىكى ئەرەبچە سۆز) ئۇنۋانىنى بەرگەن.

قۇتادغۇبىلىك

‹‹قۇتادغۇبىلىك›› — بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

‹‹قۇتادغۇبىلىك›› 82 باب، 6644 بېيىت (13288 مىسرا) تىن تەركىب تاپقان چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىكىلىق داستان بولۇپ، باشتىن – ئاخىر ئارۇز ۋەزنىنىڭ مەسنىۋى شەكلى بىلەن يېزىلغان. ئەسەردە ئاپتور ئاساسەن دۆلەتنى باشقۇرۇش يوللىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلىرىنى ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي ئۇسۇلدا، يەنى ئادالەت ۋە قانۇنغا سىمۋول قىلىنغان پادىشاھ كۈنتۇغدى، بەخت – سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان ۋەزىر ئايتولدى، ئەقىل – ئىدراكقا سىمۋول قىلىنغان ئۆگدۈلمىش، قانائەتكە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت سىمۋوللۇق ئوبرازلار ۋاستىسىدە كۆركەم ئەدەبىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ.

«قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنىڭ ئەسلى قوليازمىسى تېخى تېپىلغىنى يوق. ھازىر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغىنى ئۆز زامانىسىدىن خېلى كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۈچ قوليازمىسى يېتىپ كەلگەن. بۇلاردىن بىرى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن ۋىنا نۇسخىسى (1939 – يىلى ھىراتتا كۆچۈرۈلگەن ھىرات ياكى ۋىنا نۇسخىسى)، ئىككىنچىسى ئەرەب يېزىقى بىلەن (14 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا) كۆچۈرۈلگەن قاھىرە ياكى مىسىر نۇسخىسى، ئۈچىنچىسى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆچۈرۈلگەن ئەڭ قەدىمىي ۋە تولۇق نۇسخا بولغان ئەرەب يېزىقىدىكى نەمەنگەن ياكى فەرغانە نۇسخىسىدۇر.

قەبرىگاھى

ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﯩﮭﯩﺴﺎﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ  ﭘﺎﻳﻨﺎﭖ ﻳﯧﺰﺍ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ  ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺒﯧﻠققا جايلاشقان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىجىرىيە 410- يىلى بالاساغۇندا توغۇلۇپ، ھىجىرىيە 478- يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغانلىقى، جەسىتىنىڭ دەسلەپ قەشقەر شەھىرىنى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق «بارىگاھ» دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغانلىقى، ھىجىرىيە 514- يىلى ئۇ جايدىن ھازىرقى جايغا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغانلىقى ھەققىدە خېلى كۆپ پاكىتلار ساقلانماقتا.

تەييارلىغۇچى: دىلشات سۇلتان

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ