ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇرۇش ، جىدەل ماجرا ئىچىدىكى بىر دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەركەز قىلغان بىر يېڭى يول خەرىتىسىگە قايتىدىن ئىھتىياجىمىز بار.بىز ئىسلاھ قىلىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتمىگىچە ھايات رىيالىقىمىز ئۆزگۈرۈپ قالمايدۇ.ۇ

ياۋز باھادىر ئوغلى

ئۇرۇش ، جىدەل ماجرا ئىچىدىكى بىر دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەركەز قىلغان بىر يېڭى يول خەرىتىسىگە قايتىدىن ئىھتىياجىمىز بار.بىز ئىسلاھ قىلىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتمىگىچە ھايات رىيالىقىمىز ئۆزگۈرۈپ قالمايدۇ.ۇ

ئېنىقكى ھەمىمىز جاھالىيەت دەۋرىنى سائەدەت دەۋرى گە ئۆزگەرتىدىغان يېڭى بىر يۈرەك ئىنقىلابىنى كۈتمەكتىمىز. بىراق ھەقىقىي بىر سائەدەت ئىشىكىگە قەدەم  ئېلىشىمىز كېرەك بولىدۇ. يەنى ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ تۆتىنچى خەلىپىسى سۇلتان مۇراتخاننىڭ ئەينى زاماندا بەرپا قىلىشقا مۇۋەپەق بولغان سائەدەت دەۋرىگە قەدەم ئېلىشىمىز كېرەك بولىدۇ.

باغداد شەھىرىنى فەتىھ قىلغان سۇلتان تۆتىنچى مۇراتخان ئون بىر يېشىدا ئاتىلىرىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا ياش ئوسمانىڭ ھامىيسى بولغان ئانىسى ئالدىدا بولسا  سەركەش قوماندانلىرى بار ئىدى. دۆلەتنى پادىشاھ باشقۇرمايتى. ۋە ياكى پادىشاھنىڭ ئارقا تىرىكى بولغان ئانىسىمۇ باشقۇرالمايتى. دۆلەتنىڭ پۈتۈن ئىشلىرى  سەركەش سەركەردىلىرىنىڭ قولىدا ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن  تارىختا بۇ دەۋر سەركەردىلەر سەلتەنەتى دەۋرى دەپ ئاتالغان ئىدى.

بۇ دەۋرىدە ھەممە نەرسە ئوتتۇردا شۇنداقلا قالغان ئىدى. پارىخورلۇق ئەۋج  ئلېىپ كەتكەن ئىدى. دۆلەت ئىسراپچىلىققا چۈكۈپ كەتكەن.  خەلق ئۈستىدىن ئېغىر باج سېلىقلار ئېلىنىۋاتقان ئىدى. سەركەردىلەر ئەسكەرچىلىك ئىشىدىن باشقا ھەممە ئىشنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغان ئىدى.

ئەسكەرلەر ئەينى چاغدا ئات مەيدانى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ، ھازىرقى سولتان ئەخمەت مەيدانىدا سەگۈنچەكلەرنى قۇرۇپ، كىشىلەرنى قۇرال كۈچى بىلەن زورلاپ سەگۈنچەككە چىقىرىپ ئۇلاردىن پۇل ئۈندۈرەتتى.

قىسقىسى دۆلەتنى قىلىچلارنىڭ سايىسىدا قۇرغان خاندانلىق ئەسلى قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدىكى ھەتتا بۇ خىل ئەھۋالغا رازى بولمىغان باش ۋەزىر، قارى بولغان ئەھمەت پاشانىڭ بېشىنى كەسمەكچى بولدى. بۇنىڭغا قارشى چىققان بالا پادىشاھقا  ئۇلار تىكمۇ تىك قارشىلىق بىلدۈرۈپ: ئەگەر رۇخسەت قىلمىساڭ ۋەزىيەت باشقىغا ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ، دەپ پادىشاھقا ئۆلۈم تەھدىدى قىلىشقانىدى.

نەتىجىدە دۆلەتنى باشقۇرۇشتا پىشىق تەجىربىلىك بولغان، پاراسەتلىك باش ۋەزىر  بولغان ئەھمەت پاشانىڭ بېشى ئېلىندى. ئۇنىڭ ئورنىغا توكۇر رەجەپ پاشا باش ۋەزىرلىك مەرتىۋىسىگە ئولتۇرغانىدى، ئۇنىڭ مەرتىۋىگە ئولتۇرۇشى بىلەن تەڭ خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر ئالۋاڭلار يەنىمۇ ئېغىرلاشقان، ئىسراپچىلىق  ھەر يەرنى قاپلىغانىدى.

خاندانلىقنى بۇ بىر ئۇچۇم نانقېپى ھارامخورلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىستانبۇلنىڭ خەلقى بوينى پۈكۈك، ھېرىپ- چارچىغان ۋە پەرىشان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. پىچاق سۆڭەككە يەتكەن، سەۋرى قاچىسى تاشقان ئىدى. ناۋادا بۇ ۋاقىتا بىر ئىشلار قىلىنمىسا ئىستانبۇلمۇ ، دۆلەتمۇ قولدىن كېتىدىغىنى ئېنىق ئىدى.

پادىشاھلىقنىڭ سەركەردىلىرى ئىچىدە ئەقىل ۋە ۋىجدانى بولغان سەركەردىلەر ئىشنىڭ بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. بۇنىڭ بىر چىقىش يولىنى تېپىش كېرەك ئىدى. دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچۈن بىر ھىممەت كېرەك ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن بالا پادىشاھمۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىدى. ئانىسى ۋە بەزى گېنىراللىرىنىڭ زورلىشى بىلەن باش ۋەزىر قىلىپ تەيىنلىگەن رەجەپ پاشادىن دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولغاندا ئانىسى دائىم: سەن بۇ ئىشلارغا بېشىڭنى ئاغرىتما ئوغلۇم، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇم ۋەزىر ۋە سەردارلار مىللەتنى گۈلدەك باشقۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ دەپ ئوغلىنى توسايتتى.

ئەسلىدە بولسا دۆلەت گۈلدەك باشقۇرۇپ كېتىۋاتقانىڭ دەل ئەكسىچە ھەقىقىي گۈلەر يۇلۇپ تاشلانغان، پارىخور گېنىراللار تەرەپتىن  تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن تىكەنلەر خەلقنىڭ يۈرىكىگە سانچىلماقتا ئىدى. يۈرەكلىرىدىن قان ئېقىتماقتا ئىدى. سۇلتان تۆتىنچى مۇرات بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى كۆرۈپ يەتمەكتە ئىدى. لېكىن نېمە چارە؟ كىچىك بولغاچقا قولى باغلاقلىق ، چارىسى يوق بىچارىلەردەك كۈتمەكتە ئىدى.

مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قىرانلىق چاغلىرى ، دەسلەپكى ئىرادىسىنى بىلدۈرىدىغان چاغلىرى ۋە ھاياتنىڭ مۇشەقەتلىرى ئالدىدا ئىمتاھانغا دۇچ كېلىدىغان مەزگىلى يېتىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ ياش پادىشاھ پات- پات كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىستانبۇلنى ئايلىناتتى. بۇنىڭغا قانائەت قىلماي خەلقنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسى ئىچىگە كېرىپ، كىشىلەر بىلەن يۈز تۈرانە سۆھبەتلەرگە قېتىلىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن ۋاقىپلىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ بۇ ھىممەتلىرى بىلەن پادىشاھلىق سارايلىرىنى ھالقىپ ئۆتۈپلا قالماستىن، قول ئاستىدىكى كىشىلەردىن ئالىدىغان خەۋەر  توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بارلىق ئەھۋالنى كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن بىۋاستە ئىگەلەشكە باشلىغان ئىدى. خەلق بىلەن ئىچ قۇيۇن ۋە تاشقۇيۇن بولۇشقانىدى.

خەلقتىن ئالغان كۈچ بىلەن ئانىسىنىڭ ھامىيىلىقىنى بىكار قىلىپ، ئانىسىنى كونا سارىيىغا ئاپىرىپ قويدى. سەركەردە گېنىرالىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ۋەزىرلىككە قويغان رەجەپ پاشانى بولسا جالاتقا تاپشۇردى. بۇ پادىشاھنىڭ خەلقنىڭ يىلىكىنى سۈمۈرگەن بۇ پادىشاھنى جالاتقا تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن: بۇياققا كەلگىنە ئى زومىگەر   بېشى دەپ خىتاپ قىلغىنى خەلق ئارىسىدا مەشھۇردۇر.

ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈشتىن ساقلاپ قالغىنى دەل بۇ ياش پادىشاھنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدىكى ھىممەت ۋە دەست تۇرىشى بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پادىشاھ بارلىق قۇراللىق ئەسكەر كۈچىنى سىياسەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىدارە قىلىشتىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى قايتا رەتلەپ ۋە تەربىيلەپ باغدادنى فەتھ قىلغانىدى.     

دېمەككى، بۇ گۈنكى بۇ ھالىمىزدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن بىر يۈرەك ئىنقىلابىغا ، تۆرتىنچى خەلىپە سۇلتان مۇراتقا ئوخشاشلارنىڭ ھىممەت ئىنقىلابىغا قاتتىق ئىھتىياجنىڭ بارلىقى ئېنىق. ئاللاھ مۇۋەپەق قىلسۇن!( تۈگىدى)

ئۆزلەشتۈرگۈچى: مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ