<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىر سوت مەھكىمىسىنىڭ 75 كىشىگە بەرگەن ناھەق ئۆلۈم جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-13 15:15:40 جەمئى 1490 قېتىم ئوقۇلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىر سوت مەھكىمىسىنىڭ 75 كىشىگە بەرگەن ناھەق ئۆلۈم جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىر سوت مەھكىمىسىنىڭ 75 كىشىگە بەرگەن ناھەق ئۆلۈم جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

 

13- سىنتەبېر دۇنيا بۈلتەنى تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ 75 ئەزاسىغا بېرىلگەن ناھەق ئۆلۈم جازاسىغا قارىشى نارازىلىق بلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېت باياناتچىسى ماجا كوجايانجىج يازما بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا مۇنداق دىيىلگەن:

«ياۋرۇپا ئىتتىپاقى  ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرىدۇ. 75 كىشىگە چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسى كۆكۈمى بۇ دېلونىڭ ئەھۋالى، ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن بولمىغان، بولۇپمۇ گۇماندارلارنىڭ ئادىل سوت قىلىنش ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان. شۇڭا بىز مىسىر ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرىمىز.

مىسىردا دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغان تۇنجى پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ 2013 – يىلى 3 –ئىيۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋىتلىشىگە قارشى رابىئە مەيدانىدا نامايىشلار باشلانغان ۋە 2013 – يىلى 14 - ئاۋغۇستقىچە داۋاملاشقان.

مەزكۇر ۋەقەگە مسىر ساقچى قىسىملىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشى سەۋەبىدىن رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جەمئىي 632 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، ۋەقەگە چېتىشلىق دېلودا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى ئىچىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەردىن 300  كىشىى  739 نەپەر گۇماندار سوت قىلىنماقتا ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ