ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ياۋروپا ئىتتىپاقى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە قارار چىقاردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-04 16:07:55 جەمئى 1371 قېتىم ئوقۇلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە قارار چىقاردى


ياۋروپا ئىتتىپاقى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە قارار چىقاردى
4- ئۆكتەبىر ڧرانسىيىدە ئېچىلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇمۇمى كېڭىشى يېقىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسلىسى ھەققىدە قارار ئېلىنغان.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يېغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ رەئىس دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن ئەتتىگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمى كېڭىشى يېغىنىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە قارار ئالغانلىقى ھەققىدىكى خوش خەۋەرنى ئېلان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
بىز نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان بىر خۇشاللىق بولدى. بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمى كېڭىشى يېغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان لاگېرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. مۇزاكىرىدە 700 دىن ئارتۇق پارلامىنېت ئەزاسىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە تەستىقلىشى بىلەن خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرنى تاقاشقا مەجبۇرلاش ھەققىدە قارار ئېلىندى.
مەزكۇر قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە چىقىرىغان تارىختىكى تۇنجى قارارى بولۇپ، بۇ قارار پاۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمى كېڭىشى تەرىپىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىزغىن قىلىش جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ئالغان مۇھىم قەدەملىرىنىڭ بىرى. ئاللاھ خالىسا بۇ قارار شەرقىي تۈركستاندىكى لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ قارار يەنە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىكى بالايىئاپەتنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ بىشارىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
يېغىندا 24 پارلامىنېت ئەزاسى بىر- بىرلەپ سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر سىياسى باستۇرۇشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەدەنىي قىرغىنچىلىقى قاتارلىقلارنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار چوقۇم تاقىلىشى كېرەك » دېگەن سۆزلەرنى قوللاندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ