ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ياۋروپادا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپادا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۆز خەۋىرىمىز: 6-فېۋرال فىنلاندىيە ۋە گوللاندىيەدە «غۇلجا قەتلىئام»نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
فىنلاندىيەدىكى نامايىشنى فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى بىلەن ياشلار ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا قىرغىز، چىچەن، تۈرك، ئەزەربەيجان قاتارلق تۈركىي مىللەتلىرىگە تەۋە قېرىنداش مىللەتلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان.
نامايىشچىلار مەشھۇر ساياھەت مەيدانى مەركىزىدىن چىقىپ، ھەر خىل تىلدا جانلىق شوئارلارنى توۋلاپ، مەركىزىي كوچىلارنى ئايلانغان. نامايىش خىتايلار چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن مۇز تېيىلىش ئويۇنى ئۇيۇشتۇرغان پويىز ۋوگزالى يېنىدا ئاخىرلاشقان.
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «غۇلجا قەتلىئامى» مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيە پارلامېنتى ئالدىدىن خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ يۈرۈش قىلىپ، گوللاندىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغىچە بارغان. خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا  ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىىسى ئەيسا قارىم  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ