ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا تەۋە بىر گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ياپونىيە خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

4- دېكابىر كىيودو ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا تەۋە بىر گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، خىتاينىڭ بىر گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ توكيونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات رايونىغا يېقىن جايلاردا گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى يوشىخىدې سۇگا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا ئۆز ئالدىغا قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىشى بىلەن ياپونىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانىڭ ھازىرغىچە ئېنىق بېكىتلمەسلىكى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

خىتاينىڭ دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايوندا  قىدىرىپ تەكشۈرۈش قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرىمىز» دېگەن.

خەۋەردە، خىتاي 1947-يىلدىكى بىر خەرىتىگە ئاساسەن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايونلارنىڭ %80 نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، فىللىپېن، ۋېېتنام، برۇنې ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقى، خىتاي جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئاراللارغا ھەربىي بازا قۇرۇش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشىغا رايوندىكى  دۆلەتلەردىن سىرت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ قارشى ئىكەنلكى بىلدۈرلگەن.

ئىگىلنىشچە، خەلقئارا جەمئىيەتتە پاراسېل ۋە سپراتلىي دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ تاقىم ئاراللىرىنى، ۋېېتنام تەرەپ «خوڭ سا ۋە ترۇئوڭ سا» خىتاي تەرەپ « شىشا ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتاپ كەلگەن ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ