ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ياپونىيە خىتايغا بېرىۋاتقان ياردىمىنى توختاتتى

ياپونىيە خىتايغا بېرىۋاتقان ياردىمىنى توختاتتى
30- ئۆكتەبىر داجىيۈەن تېلۋېزىيە قانىلى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە خىتايغا قىلۋاتقان ئىقتىسادى ياردىمىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشچە، ياپونيە خىتايغا 1979- يىلىدىن باشلاپ ياردەم قىلىۋاتقان بولۇپ، 2010 – يىلىغىچە خىتاينىڭ ياپونىيىدىن ئېرىشكەن ياردىمى 290 مىليارد يۈەن ئىكەن.
ئەنگلىيە پوچتا گېزىتى بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچى خەلقئارادا ئىككىنىچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى، يېقىندا ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى قويۇپ بەرگەنلىكى، ئەنگلىيىمۇ ھەر يىلى خىتايغا ئىقتىسادى ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، خەۋەردە، ئەنگلىيىنى خىتايغا قىلغان ياردىمى سەۋەبلىك تەنقىد قىلىپ، ئەنگىلىيىنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، گەرچە ئەنگلىيە 2011- يىلى خىتايغا قىلۋاتقان ئىقتىسادى ياردىمىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىراق ئەنگلىيە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش دائىرلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ئەنگليىنىڭ 2012- يىلى خىتايغا قىلغان ئىقتىسادى ياردىمى 270 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاي 30 يىلدىن بىرى خەلقئارا بويىچە، ئەڭ زور كۆلەمدە خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن خىتاي نۇرغۇن پايدىغا ئىرشكەن بولىسمۇ بىراق ئىرشكەن پايدىنى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتمەي ئەكسىچە ھەربىي ئىشلىرى ۋە تېخنكا ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۈرۈشقا ئىشلەتكەنلىكى، خىتاي غەرب ئەللىرىنىڭ ياردەم پۇلى بىلەن كۈچىيىپ ئەكسىچە غەرب ئەللىرىگە خىرس قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ