ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىش

ياپونىيە بىلەن خىتاي  ئارىسىدىكى سۈركىلىش

5- ئىيۇن ياپونىيە «<كيودو> خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ئائىت 4 پاراخوت شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا پەيدا بولغان.

 خەۋەردە ياپونىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى بۇ پاراخوتلارنى مەزكۈر رايوندىن  چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغانلىقى،  ئارىدىن بىر يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن پاراخوتلار رايوندىن ئايرىلغانلىقى، شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا ياپونىيەنىڭ سەنكاكۇ، خىتاي «دياۋيۈ» دەپ ئاتايدىغان 5 ئارالچىدىن تەشكىل تاپغان تاقىم ئاراللىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق جەھەتتىن تالاش – تارتىشلارغا سەۋەب بولغانلىقى، بۇ ئاراللاردا ھېچكىم ياشىمايدىغان بولۇپ، ياپونىيە بۇ ئاراللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۇ تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ھەمدە ئاراللار جايلاشقان رايونغا كۆزەتكۈچى پاراخوتلارنى ئەۋەتكەن خىتاينى ياپونىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانىقى ھەققدە  ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاراللارنىڭ يېقىن ئەتراپلىرىدا چارلاش ئېلىپ بارىدىغان ياپونىيە ۋە خىتاي پاراخوتلىرى پات - پات بىر – بىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ