ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

يالقۇن روزى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

يالقۇن روزى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

ئالماس ھاجى

يالقۇن ئورۇقراق، ئېگىز بويلۇق ئوقۇغۇچى ئىدى. سىنىپتا ئاخىرىدىكى پارتىدا ئولتۇراتتى. دەرس سورىسا بېشىنى سەل سىڭايان قىلىپ، بويۇنلىرىغىچە قىزارغان ھالدا قىسقا، ئەمما مېغىزلىق جاۋاب بېرەتتى. ئادەتتە كەمسۆز، ئويچان يىگىت ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ئامراق ئىدىم .
- ئوقۇتقۇچى خاتىرىسىدىن

يالقۇن روزى ئۆز خەلقىنى چۈشەنگەن، پىداكارانە روھ بىلەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىلغار پىكىرلىك زىيالى ئىدى. ئۇ مىللەتنىڭ مىللىي روھىنى ئويغىتىش ۋە تەربىيەلەش يولىدا مۇستەملىكە مائارىپىغا، كوممۇنىستلارنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە تىغ كۆتەرگەن قورقماس جەڭچى ئىدى. ئۇ تۈزۈپ چىققان ئەدەبىيات دەرسلىكى مۇستەملىكە مائارىپىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان، مىللىي روھقا بىر قەدەر تويۇنغان، مىللىي كىملىكىمىزنى نامايان قىلغان دەرسلىك ئىدى. يالقۇن روزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن يازغان ئۆتكۈر پىكىرلىك ئوبزورلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىدا يېڭى پەللە، يېڭى سەۋىيە ياراتتى. يالقۇن روزى ئاجايىپ ناتىق ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك، قايىل قىلارلىق لېكسىيەلىرى بىلەن مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ يېشىمىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرگە كىملىكىنى، كىم بولۇش كېرەكلىكىنى، مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى تونۇتۇپ، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان مەسئۇلىيەتچان زىيالى ئىدى. يالقۇن روزى تەكلىماندىكى ئۇنتۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئالتۇن كولدۇرمىنى جاراڭلىتىپ، ئەجدادلار روھىنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىرغان. «لاي قەلئە»نىڭ سىرىنى، «ئاتۇش ئادىمى»نىڭ تارىخىنى سۆزلەپ، خەلقىمىزنى تارىخىي شان-شەرەپكە ، مۇقەددەس زېمىنغا ئىگە بولۇشقا چاقىرغان . شۇڭا ئۇ ،ئاكا ئۇكا مۇسابايلار، ئابدۇقادىر دامۇللا ، مەمتىلى تەۋپىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ مىللى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلغان ئىدى .ئۇ مىللى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مۇستەملىكە كىشەنلىرىدىن قۇتۇلۇش يوللىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن.
يالقۇن روزى كۆپ يىللاردىن بېرى ئىزدىنىپ تاپقان تارىخىي ماتېرىياللار، ئۆزى يازغان ۋە نەشرگە تەييارلىغان كىتابلار مەنىۋىيىتىمىزدىكى، مەدەنىيىتىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ، ئۆرنەك يارىتىپ بايراق تىكلىگەن ئىدى. ئەپسۇس، بۇ خەلقپەرۋەر زىيالىي كوممۇنىست خىتاي جاللات چېڭ چۈەنگو يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تۇنجى زەربىسىگە ئۇچرىدى.
خىتاي باسقۇنچىلىرى مائارىپ نەشرىياتىدا مۇھەررىرلىك قىلغان، كېسەللىك پېنسىيەسىگە چىقىپ، ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتقان يالقۇن روزىنى كۈلكىلىك ھالدا «خىيانەتچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن 2016-يىلى 10-ئايدا قولغا ئالدى. كېيىن دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتىنى ئارتىپ، 15يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
خىتاي باسقۇنچىلىرى 2016-يىلىدىن باشلاپ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت تېررورىزىمىنى يۈرگۈزۈپ، كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆلىمالىرىمىزنى، مۇنەۋۋەر زىيالىلىرىمىزنى، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى، سودىگەرلىرىمىزنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلدى، جازا لاگېرلىرىغا، تۈرمىلەرگە تاشلاپ ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار سەرخىللىرىمىزنى يوقىتىپ، مىللىتىمىزنى باشسىز، يېتەكچىسىز قالدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. مىللەتنىڭ سەرخىللىرى مىللەتنىڭ ئومۇرتقىسىدۇر. ئومۇرتقىسى سۇنغان مىللەت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەدۇر. بىز مۇشۇنداق ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە تۇرۇۋاتىمىز. خىتاي باسقۇنچىلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئومۇرتقىسىنى سۇندۇرۇپ تاشلىماقچى، بۇ ئارقىلىق شان-شۆھرەتلىك ئۇزۇن تارىخقا، ئاجايىپ ئېسىل مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەتنى يوقاتماقچى. بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر . بىز خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلىسەك، بۇ ئارقىلىق خىتاي باسقۇنچىلىرىغا خەلقارالىق مۇناسىۋەتتە كۈچلۈك بېسىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ۋە دېلوماتىيە جەھەتتىن خىتاينى جازالاش، چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانسا، ئۇنى ئىلاجسىز ھالغا كەلتۈرۈپ، جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا، گۇناھسىز قېرىنداشلىرىمىزنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاساسلىقى تاشقى سودىدىكى مەنپەئەتدارلىقىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بارلىققا كەلگەن. ھازىرقى بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىمۇ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىدۇ. ئەگەر دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جازالىشىغا ۋە دېپلوماتىك چەكلىمىسىگە ئۇچرىسا، ئىلاجسىزلىق بىلەن قەدەملىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قېرىنداشلىرىمىزنى، سەرخىللىرىمىزنى، يالقۇن روزىلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايمىز. قېرىنداشلار ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەركەت قىلايلى. بىر نىشان ئۈچۈن ھەرتەرەپتىن كۈچ چىقىرايلى. بىزدە ئىمان بار، ھەقىقەت بار. بىز ھەق تەرەپتە. ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ. توغرا، بىز زۇلۇمدىن ئېگىلدۇق، لېكىن ھەرگىز سۇنمايمىز!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ