<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كىتاپلىرى سىمغا ئۆتكۈزۈلۈپ بوينىغا ئېسىلغان ئالىملارنىڭ ئېغىرلىقىدىن سىم تېلىۋەتكەن بوينىدىن تامچىغان قاننىڭ
  ياقىلار ئېتەك بولدى

كىچىك چاغلىرىمىزدا ئانىلارنىڭ بىر يەردە ئولتۇرۇپ، ئاتا- بوۋىلىرى ئەجدادلىرى ھەققىدە قىسسە سۆزلەشلىرىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولاتتىم. ئۇلارنىڭ ھېكايە شەكلىدە بايان قىلغان ۋەقەلىكلەر بىزگە چۆچەكتەك بىلىنەتتى. بىر كۈنى ئۇلار " ئازات بولۇش" ھەققىدە گەپ قىلىپ:گۇڭچەنداڭ كەلگەندىن كېيىن بۇرۇنقى بايلارنىڭ ھەممىسى" خەلقنى ئەزگەن زومىگەر پومىشىك" دەپ قالپاق كەيدۈرۈلۈپ كۆرەش قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقەلىكلىرىنى، بۇ كۆرەش جەريانىدا كىتاپلىرى سىمغا ئۆتكۈزۈپ بوينىغا ئېسىلغان ئالىملارنىڭ ئېغىرلىقىدىن سىم تېلىۋەتكەن بوينىدىن تامچىغان قاننىڭ كىتاپلارنى قان قېلىۋەتكەنلىكىنى، يەنە بىر باينىڭ ناھايىتى يۇمشاق كۆڭۈلۈك ئايالىنىڭ كىچىك بالىلارغا تاشلاپ بېرىلگەنلىكىنى، ئۇ بالىلارنىڭ ئۇ قېرى موماينى ئۇ ياقتىن بۇ ياقا ئېتىرىپ، ئۇرۇپ ھالىدىن كەتكۈزۋەتكەنلىكىنى، كەچتە ئۆيىگە ھالسىز ھالدا كەلگەن ئانىسىغا قاراپ يىغلىغان قىزىغا ئۇ ئانىنىڭ:" يىغلىماڭ قىزىم، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. نېمە دەي ئەمدى، ياقىلار ئېتەك بولدى، ئېتەكلەر ياقا " دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ئىش مېنىڭ قەلبىمنى قاتتىق يارىلىغان ئىدى.  " ياقىلار ئېتەك بولدى، ئىېتەكلەر ياقا" دېگەن بۇ جۈملىنىڭ تاشقا ئويۇلغان مۆھۈردەك قەلبىمگە ئاجايىپ چىڭ ئورنىشىپ كەتكەنلىكىنى كېيىنكى ھاياتىمدا بۇ سۆزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەر بىر ۋەقەلىككە دۇچ كەلسەم، ياكى ئاڭلىساملا ئەقلىمگە كەلگەنلىكىدىن بىلدىم. "ھەقىقەتەن ئادەم ئۆلمىگىچە ھاياتىدا كىرمىگىنى بىر گۆر، يېمىگىنى بىر نىجاسەت قالىدۇ" دەيتتى چوڭ ئانىلار. بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەردەك تاكى قېرىشىمىزنى كۈتمەستىنلا كۆرمىگەن كۈنىمىز، ئاڭلىمىغان خەۋىرىمىز، كىرمىگەن گۆرىمىز، يېمىگەن شۇ نەرسە قالىدىغان ئوخشايدۇ. كۈندىلىك ھاياتتا كۆرۈپ – ئاڭلاپ ئادەمنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قالىدىغان غەلىتە خەۋەرلەرنى دېمەكچى ئەمەسمەن بۇ يەردە. لېكىن دۇنيادا ھېچكىمگە زىيىنى يەتمەستىن پەقەتلا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ ياشىغان بەندىلەرگە بولىۋاتقان ئادالەتسىزلىك ، يولسىزلىقنىڭ ئۆزىلا ئىنساننى ئەقلىدىن چىقارغىدەك دەرىجىدە.  بۇنداق بولىشىغا قارىماي ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ سانايدىغان ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا، ئىنسانلىققا قارىتا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم، يولسىزلىققا ئىنتايىن نورمال ئىشتەك مۇئامىلە قىلىشى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق. سۈرىيەدە، مىسىردا بولىۋاتقان قىرغىنچىلىق، ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىلىك، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مۇسۇلمانلار قېرىنداشلارنى " تېرورچىلار" دەپ ئاتىشى، 11- ئېيلۇلدا ئۆلگەن ئىت مۈشۈكلەرنىمۇ ئۆلگەنلەر ئىچىدە ساناپ تەزىيە بىلدۈرۈپ كەلگەن ئامېرىكىنىڭ ۋە ئامېركا خەلقىنىڭ مىسىردىكى قىرغىنچىلىققا ئوتقويرۇقلۇق قىلىشى، ھەر زامان ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە شوئار توۋلاپ، بالاڭ بىر يەردىن يىقىلىپ چۈشۈپ بىر يەرلىرى قىزىرىپ قاپتۇ، باقالماپسەن، دەپ ئاتا- ئانىسىدىن بالىسىنى  ئايرىپ ئۆزلىرى  بۇ بالىنى  ئالاھىدە كۆيۈنۈپ باقىدىغان بولىۋالغان " مېھرىبان ياۋرۇپالىقنىڭ مىسىردىكى ئۆلۈملەرگە خۇددى چۈمۈلىنىڭ ئۆلىمىگە قايغۇرغانچىلىك قايغۇرۇشنىڭ ئورنىغا" ياسالما بىر ئاۋازدا" ئەندىشىلىنىۋاتىمىز" دەپ قويۇشلىرى. ئەڭ ئاخىردا ئىككى قولى مىسىر خەلقىنىڭ قېنىغا  بويالغان دىكتاتۇرچى مۇبارەكنىڭ " ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپدىن قارشى ئېلىنىشى... قايسى بىرىنى ساناپ بولاي.  بۇنى ياقىلار ئېتەك بولدى، ئىتەكلەر ياقا... دېمەي نېمە دەيمىز. ئىنساننىڭ يۈرىكى بەزىدە شۇنچىلىك ئېزىلىپ ، قايغۇ كۆزلەرنى شۇنچىلىك كور قىلىۋېتىدىكى كۆزلىرىنى مۆلۈلدىتىپ سىزگە تەلمۈرۈپ تۇرغان نارسىدە بوۋاقلىرىڭىز قوچىڭىزدا بولغان تەقدىردىمۇ ،بىلىپ بىلمەستىن شېھىت بولۇپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلەرگە :بىزنىمۇ يېنىڭلارغا چاقىرساڭلارچۇ! دەپ نىدا قىلىشتىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماس قىلىپ قويىدىكەن. مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ