ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ياخشىلار بىلەن بىللە ياشاش
 ئادەمنىڭ ئەخلاقىنى گۈزەل ۋە ياخشىلاشتۇرىدىغان نەرسىنىڭ بىرى ياخشىلار سۆھبىتىدۇر. چۈنكى ئىنسان كىشىلەرنى دوراشقا ئامىراق كېلىدۇ. ئىنسان كىيىم ـ كېچەك شەكلى كۆرۈنۈش جەھەتتە، ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى دورىغاندەك گەپ سۆز، ئىش ـ ھەرىكەت ۋە خۇي ئادەتتىمۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى دورايدۇ. بىر پەيلاسوپ يەنە بىر كىشىگە: ”كىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ يۈرۈيدىغانلىقىڭنى ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭ، مەن سېنىڭ قانداق ئادەملىكىڭنى ئېيتىپ بېرىمەن“ دېگەن. ياخشى كىشىلەر بىلەن ھەم سۆھبەت بولۇش ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا ئېسىل ئەخلاق ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە چوڭ ئىشلارنى ئىشلەشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئەمما ناچار ۋىجدانسىز شەخسىيەتچى ئادەملەرگە ئاغىنە بولۇش كىشىنى پەسكەش ئەخلاققا ئېلىپ بارىدۇ. ئەسكى ۋە گۇناھ ئىشلارنى ئىشلەشكە دادىل ۋە جۈرئەتلىك قىلىپ قويىدۇ. كىشىنى دىنغا ۋە ئەلگە پايدىلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىشتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا ياراملىق ئاغىنە ھەقىقەتەن بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. چۈنكى ئۇنداق ئاغىنە كىشى بېشىغا قاتتىق مۇسىبەت كەلگەندە يار يۆلەك بولىدۇ. توغرا يولغا باشلىغۇچى ۋە مۇرادىغا يېتىشىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى بولىدۇ. ئىلىم ـ پەزىلەتتە كامىل بولغان داڭلىق ئالىملارنىڭ تولىسى ئۆزىنىڭ ئىلىم ئەخلاقىدا كامىللىقا يېتىشىشنى ياراملىق ۋە ئىلغار كىشىلەردە ئوقۇغانلىقتىن، سۆھبەتداش بولغانلىقتىن ۋە شۇلار باشلىغان يول بىلەن ماڭغان ۋە ئۇلارنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن ھاسىل قىلغان، دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. قۇرئان كەرىم بىزنى ھاياتىمىزدا ياراملىق ۋە تۈزۈك ئادەملەر بىلەن بىللە بولۇشقا چاقىرىدۇ. اﷲ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: << سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار (يەنى ئاجىز، كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇ زىننىتىنى (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزى) گە ئەگەشمىگىن >>. اﷲ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە بارلىق ئىشەنگۈچىلەرنى توغرا يولدا ماڭغان ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا، ئۇلارغا ئەگىشىشكە ۋە ئۇلاردىن پەزىلەت ھاسىل قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىن سوۋۇپ قالماسلىققا، بۇ دۇنيانىڭ يالغان ئالىقانداق نازۇ ـ نېمەتلىرىنى قولغا كەلتۈرىمەن ،دەپ پاسىق ناچار ئادەملەرگە يېقىن كېلىپ قالماسلىققا بۇيرىدى. ئاندىن كېيىن اﷲ تائالا مۆمىنلەرنى اﷲ تائالانى ئەسلەشتىن بىخەۋەر يۈرىدىغان، نەپسىنىڭ ئارزۇسىغا ئەگىشىدىغان، ئىش ـ ھەرىكەتلىرىدە ھەق دىننىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىپ كېتىدىغان يامان ئادەملەرگە ئاغىنە ۋە ھەمسۆھبەت بولۇشىتىن توستى. اﷲ تائالا مۇشۇ مەزمۇندا يەنە مۇنداق دېدى: << بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن >>. اﷲ تائالا يەنە بىر ئايەتتە گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن پەرۋەردىگارىنى غەزەپلەندۈرگەن كىشىنى ئەگەردە ئەڭ يېقىن تۇغقىنى يا ئاغىنىسى بولسىمۇ دوست تۇتۇش مۆمىن ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس، دەپ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: << اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ اﷲ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى ـ ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق - تۇققانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ - دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۈمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا اﷲ ئىماننى مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى >>. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ياخشى ئاغىنە بىلەن يامان ئاغىنىنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: «ياخشى ئاغىنە بىلەن ئوسال ئاغىنىنىڭ ئەھۋالى ئىپار كۆتۈرگەن ئادەم بىلەن كوراك پودىگەن تۆمۈرچىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئىپار كۆتۈرگەن ئادەمنىڭ قېشىغا كەلسەك ساڭا ئىپار بېرىدۇ. يا ئىپار سېتىۋالىسەن، ھېچ بولمىسا ئىپارنىڭ خوش پۇرىقى دېمىغىڭغا كىرىدۇ. كوراك پۈدىگەن ئادەمنىڭ قېشىغا كەلسەڭ كىيىمىڭمنى كۆيدۈرىدۇ ياكى سېسىق پۇراق پۇرايسەن». مانا يۇقىرىقلار ياخشى ئاغىنە تاللاش توغرىسىدىكى ئىسلام تەلىماتلىرى بولۇپ، بىزنى داۋاملىق ياخشىلىق تەرەپكە باشلايدۇ. خاتا ئازغۇن يولدىن ساقلاپ قالىدۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ