ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ ئاقىۋىتى جىددى تەكشۈرۈلمەكتە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-22 13:06:33 جەمئى 11311 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ئىچىدە ئىسلامىي ساھەدە قىلغان خىزمەتلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىققان ئۆتكۈر قەلەم ساھىبى ۋە ناتىق نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ

نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ ئاقىۋىتى جىددى تەكشۈرۈلمەكتە

ئۆز خەۋىرىمىز، ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ئىچىدە ئىسلامىي ساھەدە قىلغان خىزمەتلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىققان ئۆتكۈر قەلەم ساھىبى ۋە ناتىق نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچلىرى تەرىپىدىن

2017-يىلى،12-ئاينىڭ 25-كۈنى دادىسى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم بىلەن بىرلىكتە جەمەتىدىن جەمئىي 16 كىشى تۇتقۇن قىلىندى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي رېجىمىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنياغا داڭلىق مەشھۇر ئالىمى  ھۆرمەتلىك ئۇستاز مۇھەممەد سالىھنى شېھىد قىلىپ جەسىتىنى بەردى.

ئەمما ئۇنىڭ جەمەتىدىكى قالغان ئەزالار ھەققىدە تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بولماسلىقى، ئۇنىڭ چەتئەلدىكى يېقىن دوستلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

  ئۇلار مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ جەمەتىدىكى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ باشلىق بارلىق ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن بارلىق قانۇنى يوللار بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.   مۇھەممەھ سالىھ 1973-يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ ئانىسى ھاجىيە خانىم ئاتۇشتىكى مەرىپەتپەرۋەر ، ئىقتىساتلىق زات ئىتتىپاق ئىمىن ھاجى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھاجىيە خانىم ئالىم پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش بىلەن بىرگە مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ قەلەم ئىشلىرىگىمۇ ياردەمچى بولغان. نەزىرە مۇھەممەد سالىھ تۇنجى دىنى دەرسنى دادىسىدىن ئالغان. 10ياشقا كىرگەن چېغىدا،2000 ھەدىسنى يادقا ئېلىپ بولغان. نەزىرە خانىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، دادىسى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئۆزىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىش جەريانىدىمۇ بىر مىنۇت ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي دىنى تەلىم تەربىيە قىلىپ ماڭغان.

نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتالمىش شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دىن تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان.  ئاندىن 1997-يىلى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىدا ئوقۇغان. 2002-يىلى ماگىستىرلىقنى تۈگىتىپ ۋەتەنگە قايىتقاندىن كېيىن ئائىلىدە  توختىماي ئىلمى ماقالىلەرنى يېزىپ، ئاتالمىش «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان.  2006-يىلى دىن تەتقىقاتچىسى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى « ئۇممۇلقۇرا» ئۇنىۋېرسىتىتىگە بارغان.  2008-يىلى ئانىسى ھاجىيە خانىمنىڭ ئۆلۈم خەۋېرىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن دادىسىغا ياردەمچى بولۇش بىلەن بىرگە مىللەتنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان. بۇ جەرياندا 4 پەرزەنتكە ئانا بولغان .2003 - يىلى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كىتابى بولغان «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» ناملىق كىتابى ۋە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان  «ئۆلۈم ھېكمەتلىرىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە»، «ئايالدىن باشلانغان قىسمەت»، «پەرزەنت تەربىيىسى ۋە مەۋجۇتلىقىمىز» قاتارلىق ماقالىلىرى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

دۈشمەن ئىنتايىن ۋەھشى، يوللىرى ئىنتايىن تار ۋە ئىمكانىيىتى ئىنتايىن ئاز بىر شارائىت ئاستىدا، خەلقىگە ئىدىئولوگىيە ۋە مەنىۋىيەت جەھەتتە بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالماي خىزمەت قىلغان نەزىرە مۇھەممەد سالىھ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پەرزەنت تەربىيەسىدە ئىنتايىن چىڭ تۇرغان ۋە مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەۋلاتلارنى چوقۇم ياخشى تەربىيەلەش كېرەك، دېگەن شۇئارىدا چىڭ تۇرغان.

2017-يىلى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ياۋۇزلىقى كۈچىيىۋاتقان مەزگىللەردە ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا چەتئەلگە چىقىپ كېتىش تەكلىپى بەرگەندە، ئۇ دادىللىق بىلەن: «ۋەتەننى ھەممىمىز تاشلاپ چىقىپ كەتسەك، نادانلىقنى كىم تۈگىتىدۇ ۋە مىللەتنىڭ خىزمىتىنى كىم قىلىدۇ؟ ۋەتەننىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىش كېرەك!» دەپ جاۋاب بەرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ