ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

نېمىنى ئاۋۋال قاچىلايمىز؟

پەلسەپە دەرسىدە، ياشانغان بىر پىروفېسسور چوڭ بىر ئىستاكان بىلەن ئىككى خالتىنى كۆتۈرۈپ سىنىپقا كىرىپتۇ، خالتىنىڭ بىرىگە تاش، يەنە بىرىگە قۇم قاچىلانغان ئىكەن. پىروفېسسور ئوقۇغۇچىلارغا:

    ـــ مەن بۈگۈن كۆپچىلىككە بىر تەجرىبە ئىشلەپ بېرىمەن، ـــ دەپتۇ.

    ‹‹تەجرىبە ئىشلەيمىز›› دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئوقوغۇچىلار كۇسۇرلىشىپ، ‹‹پەلسەپەدىمۇ تەجرىبە بولامدۇ؟ يېڭىلىققۇ بۇ›› دەپ مۇنازىر قىلىشقا باشلاپتۇ.

    پىروفېسسور تاشنى ئىستاكاننىڭ ئىچىگە سېلىپ، لىقمۇ-لىق توشقۇزۋېتىپتۇ، ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىن:

    ـــ ئىستاكان توشتىمۇ؟ ـــ دەپ سوراپتۇ.

    ـــ ئەگەر تاشنىلا قاچىلىساق، ئەلۋەتتە توشۇپ بولدى، ـــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بىرەيلەن.

    پىروفېسسور كۈلۈپ تۇرۇپ، ئاندىن يەنە بىر خالتىدىكى قۇمنى ئېلىپ ئىستانغا قويۇپ توشقۇزۇپتۇ. ئۇ يەنە:

    ـــ بۇ تەجرىبە كۆپچىلىككە قانداق بىر ھەقىقەتنى ئۇقتۇردى؟ ـــ دەپ سوراپتۇ.

    ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى سۆزلەپتۇ، ئەمما بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزلىگىنى پىروفېسسورنى رازى قىلالماپتۇ. پىروفېسسور:

    ـــ پەرەز قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر باشتا قاچىلىغىنىمىز قۇم بولسا، ئۇنداقتا ئىستاكانغا يەنە تاش قاچىلىغىلى بولامدۇ؟ ـــ دەپ سوراپتۇ. ئوقۇغۇچىلار تەڭلا :

    ـــ بولمايدۇ، ـــ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. پىروفېسسور يەنە:

    ـــ كۆپچىلىك ئويلاپ باقايلى، كېشىلىك ھاياتمۇ مۇشۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىز داۋاملىق بىز بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق، ئۇششاق-چۈششەك، ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلىمىز، ئاندىن پۈتكۈل ھاياتىمىزنى موشۇ ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىمىز، نەتىجىدە بىكاردىن-بىكار ياشلىقىمىزنى ئىسراپ قىلىۋېتىمىز. شۇڭا، مېنىڭ كۆپچىلىككە دېمەكچى بولغىنىم، نېمىنىڭ تاش ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ سەن ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋېلىپ، ئاندىن پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن ھاياتىڭدىكى چوڭ ئىشلارنى قىلىشڭ كېرەك، ـــ دەپتۇ.

    پىروفېسسورنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، سىنىپتا ئالقىش سادالىرى ياڭراپتۇ.

 ئابدۇرەھىم پاراچ تەييارلىدى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ