ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تۇتقۇنلارنى يوقلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-11 14:22:42 جەمئى 11914 قېتىم ئوقۇلغان.

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ يوليورۇقى بىلەن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ قىرىقلار ئېلى رايونىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قېرىنداشلارنى زىيارەت قىلدى.

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تۇتقۇنلارنى يوقلىدى

ئۆز خەۋىرىمىز، 10 – سىنتەبىر دۈشەنبە كۈنى نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ يوليورۇقى بىلەن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ قىرىقلار ئېلى رايونىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قېرىنداشلارنى زىيارەت قىلدى.

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قانچە خانىم ھەمشىرىلەر مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشقا ئەزالارغا ۋاكالىتەن ئۇ يەردىكى ئەر – ئايال ۋە ئاتا – ئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بالىلارغا كېيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تاتلىق تۈرۈم قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ ئۇلاردىن سەمىمىي ھال- ئەھۋال سورىدى ۋە بارلىق قېرىنداشلارنىڭ سالامىنى يەتكۈزدى.

ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارمۇ زىيارەتتىن چوڭقۇر مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە سالاملىرىنى يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى.

ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان زىيارەت ھەيئىتى ئۇلارنىڭ دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قايتىشتى. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ