ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

نورۋىگىيە ۋە گوللاندىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-02 17:31:46 جەمئى 1583 قېتىم ئوقۇلغان.

نورۋىگىيە ۋە گوللاندىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نورۋىگىيە ۋە گوللاندىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

يېقىندىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشلىرىمىز مەيدانلارغا تۆكۈلۈپ خىتاي رېجىمىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەمدە نامايىشلار ئېلىپ بارماقتا.
شەنبە كۈنى نورۋىگىيىنىڭ كىرىستىيانسانت شەھرىدىكى ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرى خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
نامايىشتا نورۋىگىيىدىكى ياشلارنىڭ ئالدى بولۇپ كېلىۋاتقان سىراجىدىن پەتقۇللاھ سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان تاقەت قىلغۇسىز زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا قارشى ياشلىرىمىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە قوزغىلىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنىڭ جۈملىسىدىن نورۋىگىيىدىكى ياشلارمۇ نورۋىگىيىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كىرىستىيانسانت شەھرىدە نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئالدىمىزدىكى 5 – ئىيۇل نامايىشىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ياشلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوزغىلىپ چىقىىشىنى تەلەپ قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈن 2. ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر گوللاندىيە ۋاسسىنار شەھرىدىكى ئامرىكا كونسۇلى ئالدىدا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇشىنى ئەيىبلەپ نامايىش قىلدى ...
نامايشىتا سۆز قىلغان ياۋرۇپا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئەيسا قارىم : گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز ساندىكىلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ چىقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە ئىگە چىقىشىمىز، ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئاندىن باشقىلاردىن ياردەم سورىشىمىز كېرەك ... ئەسلىدە بۇ يەردە مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز بولۇشى كېرەك ئىدى دېگەنلەرنى بىلدۈردى .


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ