ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

م ھ پ مىللەت ۋەكىلى فەتھى يىلدىز:11 ئۇيغۇرغا نوپۇس بېرىش كېرەك

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-03 10:41:56 جەمئى 3227 قېتىم ئوقۇلغان.

م ھ پ مىللەت ۋەكىلى فەتھى يىلدىز:11 ئۇيغۇرغا نوپۇس بېرىش كېرەك

م ھ پ مىللەت ۋەكىلى فەتھى يىلدىز:11 ئۇيغۇرغا نوپۇس بېرىش كېرەك
2-نويابىر قارار تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرىىشىچە، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى فەتھى يىلدىز، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسى تىۋىتتىردا بايانات بېرىپ، ھۆكۈمەتتىن 11 ئۇيغۇرلارغا دەرھال نوپۇس بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
باياناتتا، ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ زۇلىمىدىن قېچىپ تۈركىيىدە پاناھلانغان، 17 كۈندىن بۇيان ئاتا تۈرك ئايرودرومىدا نازارەتكە ئېلىنغان 11 ئۇيغۇرغا قىلىنىۋاتقان مۇئامىلىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارغا دەرھال ۋەتەنداشلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە يەنە، 11 ئۇيغۇر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىدىن قېچىپ، ئاۋۋال مالايسىياغا، ئارقىدىن تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىق تەلەپ قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ يەنە ئايال ۋە بالىلىرىمنىڭمۇ بار ئىكەنلىكى، ئۇلار 17 كۈندىن بۇيان خىتايغا قايتۇرۇلۇش تەشۋىشى ئىچىدە ئېنىقسىز بىر ھالەتتە تۈركىيە ۋاقىتلىق تۇرۇشقا روخسەت قىلىشنى ساقلاۋاتقانلىقى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ئايرودرومدىكى بېتون پول ئۈستىدە يېتىۋاتقانلىقى ۋە خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ كەلتۈرگەن تاماقلىرى بىلەن ئۆتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: مۇكەررەم 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ