<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مەھمۇد قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك ئېنسكلوپېدىك ئالىمى، دۇنيا تۈركولوگىيە ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى، ئەدىب، ئۆلىما شۇنداقلا دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»(دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك) نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى گۈللەپ ياشنىغان قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسدە روياپقا چىققان شاھانە ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئارىدىن 10 ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشتا، مەدەنىي مىراسلىرى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ۋە مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن يوق قىلىنغان ھەم يوق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە مەنىۋى كۈچ بېرىشتە ئۆز رولىنى نامايەن قىلىپ كەلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008- يىلىنى دۇنيا مەھمۇد قەشقىرى يىلى قىلىپ بېكىتتى.

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ھاياتى

مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1008-يىلى قەشقەر ئوپالدا خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ، بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان. ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن. ئالىم بۇ قىرغىنچىلقتىن ئامان قالغان ۋە قەشقەردىن ئايرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئوننەچچە يىلدا تۈركىي قەۋملەر ياشايدىغان رايونلارنى كېزىپ چىقىپ، ئالەمشۇمۇل ئەسىرى  «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۈچۈن ئاساس سالغان.

ئالىمنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى باغداتتا مىلادىيە 1072-يىلدىن 1074-يىلغىچە يېزىپ تاماملانغان. 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.

ئالىم 11- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن. ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسەنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان. 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان.

نەسەبى

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بىردىن بىر ئىشەنچلىك مەنبە ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدۇر. ئەسەرنىڭ بەزى جايلىرىدا ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇدنىڭ « ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇب ئىكەنلىكى، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغانلىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن. بۇلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىغا مەنسۇب ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . بۇ ئەجداد كىم ؟ بۇ يەردە مەھمۇدنىڭ ئەجدادى دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدىغان ئىككىلا شەخس بار . بۇلار ماۋەرا ئۇننەھرى دەستلەپ بويسۇندۇرغان ، ئۇنۋانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ۋە ھىجىرىيە 382 – يىلى ( 992 م) سامانى ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالغان ھارۇن( ھاسان ) بىن سۇلايمان ياكى بولمىسا ئۇنۋانى ئارسلان ئىلىگ دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 389 – يىلى ( 999 م) غەزنەۋىلىك مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سامانى دۆلىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ناسىر بىن ئەلى. ھالبۇكى ناسىربىن ئەلىنىڭ سۇلالىنىڭ غەربىي تارمىقىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان قەشقەرنىڭ ھامان سۇلالىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلسە، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.

بىر تەسادىپىي ئېسىل يالداما ئورنىدا قولىمىزدا بارىسخاندا بېسىلغان ھېجىرىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىغا ( تەخمىنەن 1048 – 1058 ) تەۋە بەزى تەڭگىلەر ساقلانماقتا. ئەپسۇسكى بۇ تەڭگىلەردىكى يېزىقلاردا شۇ دەۋردىكى بارىسخان ئەمىرلىرىنىڭ يالغۇز ئىسلامى لەقەملىرى ۋە تۈركىي ئۇنۋانلىرىلا ئەكس ئېتىلگەن : شەمسىد دۆلە ئارسلان ئىلىگ . بۇ يەردە مەشھۇر قادىرخان بىن ھارۇننىڭ ئوغلى ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسى ھارۇن بىن سۇلايماننىڭ نەۋرىسى « بۇغراخان » مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ ھۆكۈمدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ ( يۇقىرىغا قاراڭ ) . قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئارسلان ئىلىگ ئۇنۋانى ( بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ) قاغانلىق ئورتاقلىقىدا بىر قەدەم تۆۋەندە تۇرىدىغان ئادەملەرگە بېرىلەتتى. ئىبن ئەسىرىدىن بىلىشىمىزچە مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ يېنىدا چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەت ھېجىرىيە 444 – يىلىدىن يەنى 1056 -1057_ يىللىرىدا ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئارسلان ئىلىگ بولۇپ بارىسخاندا ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى تەخمىنەن قىلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا ، ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسىنىڭ نەۋرىسى بولغان بارسخان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىر مۇھەممەتتىن باشقا كىشى ئەمەسلىكى ئېنىق . بۇ شەخس بارىسخان بىلەن ناھايىتى زىچ ئالاقىدار ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىدى. 

تۈركىي تىللار دىۋانى

«تۈركىي تىللار دىۋانى ›› 11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنىسكلوپىدىيە خاراكتېرىلىك تۈرك تىلى لۇغىتى بولۇپ، 11-ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ئومۇمىي قامۇسى ھېساپلىنىدۇ.
 «تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دۇنياغا كەلگەن مىڭ يىلنىڭ مابەينىدە، تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ئىچىدە ئىلىم دۇنياسىغا بىردە ئاشكارا بولۇپ، بىردە يوشۇرۇلۇپ، ئالىملار تەرىپىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئىلمىي مەدھىيە، ئېتراپقا ئېرىشكەن، ئەتىۋارلاپ ساقلىنىشقا، قەدىرلەپ ئوقۇلۇشقا مۇيەسسەر بولۇپ كەلگەن. ‹‹ دىۋان ›› ئەسلى ئەرەپچە يېزىلغانلىقتىن دەسلەپتە باغداد، مىسىر قاتارلىق ئەرەب ئەللىرى ئالىملىرى تەرىپىدىن ئوقۇلۇپ، مۇتالىئە قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئىلىم دۇنياسىغا تولۇق مەلۇم بولۇشى تېخى مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئىش.
ھىجىرىيىنىڭ 466 (مىلادىيە1073-1074)-يىلى باغدادتا يېزىلىپ قولدىن چىققان بۇ ئەسەر كېيىنكى دەۋرلەردە كۆپ قېتىم كۆچۈرۈلۈپ تارقالغان بولسىمۇ، بىزگىچە بۇ ئەسەرنىڭ پەقەت بىرلا نۇسخىسى يېتىپ كەلگەن.
مىلادىيە 1266-يىلى(‹‹دىۋان››يېزىلغان ۋاقىتتىن 192يىل كېيىن) ئىرانلىق مۇھەممەت بىننى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئوبۇلفەتھى تەرىپىدىن سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۆز قوليازمىسىدىن كۆچۈرۈلگەن بۇ نۇسخا 1910-يىللىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھرىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇنى ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن نازپىبەينىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بولغان بىر ئايال ساقلىغان ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن كىتابپۇرۇش ئارقىلىق 1914-يىلى دىيارى بەكرىلىك ئەلى ئەمىرگە ساتقان. تۈركىيىنىڭ كىلىس ۋىلايىتىدىن مۇئەللىم رىفئەت بىلگە بۇنى ئاڭلاپ، ئەلى ئەمىرنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئەسەرنى 1915-، 1917-يىللىرى ئۈچ توم ھالدا مىخ مەتبەئەدە باستۇرغان. ئەنە شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولۇپ، تېزلىكتە ئالىملارنىڭ دىققىتىنىى قوزغىدى.
1930-، 1940-يىللاردا، مارتىن ھارتمان، بىروككېلمان قاتارلىق نېمىس ئالىملىرى، بېسىم ئاتالاي، دەھرى دىلچىن قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى تۈرك ئالىملىرى بۇ ئەسەرنى بەس-بەستە تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي ماقالىلەر يېزىشتى، ئېندىكىس ئىشلىدى ھەم نېمىس، تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشتى.
بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، كۆپلىگەن ئەللەر ئالىملىرى ئوخشىمىغان ھالەتتە تەتقىق قىلىشىپ، ھېلىھەم تەتقىقاتىدىن قانائەتلەنمەي باش قاتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»يەنىلا ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ يېگانە نامايەندىسى ھالىتىدە چاقناپ تۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: دىلشات سۇلتان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ