ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنىدە سەل ئاپىتى يۈز بەردى

مەدىنىدە  ئېغىر سەل ئاپىتى يۈز بەردى

29- نويابىر ئىجىتمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە تارقالغان سىنلىق كۆرۈنۈشكە ئاساسلانغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنىدە سەل ئاپىتى يۈز بەرگەن.
تۆنۈگۈن مەدىنىدە قاتتىق قار ياققان بولۇپ بۈگۈن ئەتتىگەندىن باشلام يامغۇر ئارىلاش قاتتىق مۆلدۈر يېغىشقا باشلىغان. يامغۇر ئارىلاش ياققان مۆلدۈر ئۇزاق ئۆتمەي سەلگە ئايلىنىپ، سەل سۇلىرى ھەر تەرەپتىكى قاقاس تاغلار ئۈستىدىن ئېرىق، ئۆستەڭدىن ئاققاندەك ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىغان. سىنلىق كۆرۈنۈشلەردە يوللار توسۇلۇپ نۇرغۇن ئادەملەر قاپسىلىپ قالغانلىقىنى، قوتاندىكى تۆگىلەرنى ، كوچىدىكى ئادەملەرنى ئېقىتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا يۈك ماشىنىلىرىنى ئۆرۈپ تاشلىغانلىقىنى ، بىر قسىم مەسچىتلەرنى سۇ باسقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ