ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مەخپىي نومۇرىڭىزنى خاككىرلارغا ئۆز قولىڭىز بىلەن بېرىسىز

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-10-28 11:27:58 جەمئى 42760 قېتىم ئوقۇلغان.

شىفىرنىڭ يېشىۋېتىلىشى ھەققىدە يېڭى تەتقىقاتلار

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تور ھۇجۇمىدا شىفىرنىڭ يېشىۋېتىلىش سەۋەبىنىڭ 76% ى شىفىرنىڭ ئاجىز بولۇشى ئىكەن. 61% كىشىنىڭ شىفىرى ئوخشاش شىفىرنى باشقا ھېسابلاردا قوللىنىش سەۋەبىدىن يېشىۋېتىلىدىكەن.

شىفىر دۇنياسىدا ياشىماقتىمىز. ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا كىرىش، كرېدىت كارتىسى ئىشلىتىش، قىسقىچە ئېيتقاندا ئىنتېرنېت بولغان ھەر ساھەدە ئۆزىمىزنىڭ خۇسۇسىي دائىرىسىنى قوغداش ئۈچۈن شىفىرغا ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ.

كومپيۇتېر بىخەتەرلىك شىركىتى  ESET نىڭ ھەر ساھەدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدا يۈز بەرگن تور ھۇجۇملىرىنىڭ 76% دە ئاجىز ۋە تەقلىد قىلىنغان شىفىرلانىڭ يېشىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. سانلىق مەلۇماتلاردا يەنە، كومپيۇتېر قوللانغۇچىلاردىن 44% نىڭ يىلدا پەقەت بىر قېتىم شىفىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى، 61% نىڭ بولسا ئەينى شىفىرنى ئوخشاش بولمىغان تور بەتلەردە ياكى ئېلخەتلەردە قوللىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

ESETنىڭ تۈركىيەدىكى مۇئاۋىن باش مۇدىرى ئالەۋ ئاككويۇنلۇ خاككىرلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ قىيىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك شىفىرلارنى قوللىنىش لازىملىقىنى، ئاجىز شىفىر قوللانغانلارنىڭ يوشۇرۇن قۇربان بولىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ ھەقتە تۆەندىكىدەك تەۋسىيەلەرنى بەردى:

  1. شىفىرىڭىزدا ھەرپ، رەقەم ۋە شەرتلىك بەلگىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىڭ.
  2. ھەرپلەر چوڭ – كىچىك بولسۇن.
  3. چوقۇم سەككىزدىن كۆپ ھەرپ – بەلگە بولسۇن.
  4. شىفىرىڭىزنى يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئۆزگەرتىڭ.
  5.  Abc، 123, 123456 دېگەندەك ئاددىي شىفىرلارنى ھەرگىز ئىشلەتمەڭ.
  6. شىفىرىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ تەخەللۇسى ياكى توغۇلغان كۈنىڭىزنى قوللانماڭ.

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ