ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مۇھىم ئۇقتۇرۇش

مۇھىم ئۇقتۇرۇش
ھۆرمەتلىك مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئېزىز شەرقى تۈركىستانلىقلار!
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشلەر نەتىجىسىدە،خەلقىمىزگە كۈتۈپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئاخرى ھەل بولدى.
كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن تۈۋەندىكى كىشىلەر، تۈۋەندىكى ماتىرياللارنى تولۇقلاپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلالايدۇ:
1- تۈركىيەگە 2019- يىلدىن بۇرۇن كىرگەنلەر ئىلتىماس قىلالايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن كىرگەنلەر باشقا خىلدىكى ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىدۇ.
2- پاسپورتى بارلار، پاسپورتنىڭ كۆپەيتمىسىنى ، ساياھەت بەلگىسى بارلار كۆپەيتمىسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلالايدۇ.
3- پاسپورتى يوقاپ كېتىپ پاسپورتنىڭ كۆپەيتمىسى بارلارمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلالايدۇ.
4- يوقىرىدىكى شەرتكە توشقانلار ئەدلىيە سارىدىن ئادلى سىجىل بەلگىسى ئېلىپ كېلىدۇ.
5- پاسپورت، پاسپورتنىڭ كۆپەيتمىسى، ساياھەت بەلگىسىنىڭ كۆپەيتمىسى بولمىغانلار ياكى پاسپورت يوقاپ كەتكەنلەر پاسپورتنىڭ كۆپەيتمىسىنىڭ كۆپەيتمىسىدىن بىرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
6- 4 تال رەسىم
7- ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئۈچۈن ئۈچ رەت نومۇرى ئېلىپ ئۈچ رەت كۈنى كەلگەندە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بارسا بولىدۇ.
8- يۇقىرىقى تەلەپلەرنى پۈتتۈرۈپ بولغانلار ئۈچ رەت كۈنى ۋە سائىتىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى M ئىشخانىسىغا چىقىدۇ.
9- ئىنسانى ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغانلار ياكى ئىنسانى ئىقامەت ئېلىپ بولغانلارمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلالايدۇ.
10- تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلار تۇغۇت بەلگىسى ۋە كۆپەيتمىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

دىققەت:
1- بۇ ئىقامەت ئىلتىماسىنى جەمئىيەت ۋە ۋەقىفلەردە تىزىملىمايدۇ.
2- ئىمزاغا بېرىۋاتقانلار ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلالمايدۇ.
3- ئىمزاغا بېرىۋاتقانلار ئىنسانى ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىدۇ. ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن ئىسنانى ئىقامەت بۆلۈمى قاراپ چىقىپ بىرىشكە تېگىشلىك بولغانلارغا بېرىدۇ، بىرىشكە تېگىشلىك بولمىغانلارغا بەرمەيدۇ.
ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە قولىدا ھېچ قانداق ئىسپات بولمىغانلار قەتئى ئىلتىماس قىلالمايدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ