ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يەنە بىر قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-22 06:05:40 جەمئى 8796 قېتىم ئوقۇلغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يەنە بىر قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يەنە بىر قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى

 

ئۆز خەۋىرىمىز، 21 – ئاۋغۇست دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد قېرىندىشىغا ئوخشاشلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس بايراملىرىدىن بىرى بولغان ئۇلۇغ قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

ئەمما پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ چېھرىگە خۇشاللىق تولغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى يارا ئىزلىرى ئۇلارنىڭ چېھرىدە نامايەن بولۇپ تۇردى.

چۈنكى ئاخىرقى ئىككى ئۈچ يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىرى بۇرۇنقى ھېيتلارغا ئوخشاش ئاز بولسىمۇ ۋەتەندىكى ئائىلىلىرى بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشۈپ ئۇلاردىن ھال ئەھۋال سورايدىغان، كۆڭۈللىرى تەسكىن تاپىدىغان ئەھۋال قالمىدى.

يەنە كېلىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قانۇنسىزلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنى قاراقۇيۇق جازا لاگىرلىرىغا سولىشى، ھېچكىمنىڭ ھەرقانداق تۇققانلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەسلىكى ئۇلارغا تېخىمۇ ئېغىر كەلدى.

جۈملىدىن تۈركىيە ئىستانبۇلدا كۆپ ساندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدا بىرلىكتە ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇشۇپ، نامازدىن چىققاندا بىر بىرلىرى بىلەن خۇددى ۋەتەندىكىدەك قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىرلىكتە ۋەتەندىكى خەلقى ئۈچۈن، ئائىلىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتى.

 

كېيىن ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە قۇربانلىق قىلىشىپ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان ھەم ئىبادەت، ھەم ئۆز ئارا ياردەم پائالىيىتنى ناھايىتى جانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىپ، ۋەتەن ھەسرىتىنى بىر ئاز بولسىمۇ پەسەيتىشكە تىرىشتى.

بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ يىل گۆش قاينىمىغان ئۆي قالمىسۇن شۇئارى بىلەن باشلاتقان پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇرلار بىرلىكتە قۇربانلىق قىلىشىپ، قۇربانلىق قىلالمىغان ھەرقانداق ئۇيغۇر قېرىندىشىغا قۇربانلىق قىلىپ بېرىش ، ياكى ھېچ بولمىغاندا گۆش يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۇلارغا قېرىنداشلىق مېھرىنى ھېس قىلدۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىزنى بۈگۈنكىدەك پۈتۈن دۇنيادا مۇسۇلمانلار خۇشاللىق ئىچىدە قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈندىنمۇ مەھرۇم قىلىپ، قۇربان ھېيتنى بىر كۈن كىچىكتۈرۈپ ئەتە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

رەببىمىز ئاللاھتىن خەلقىمىزنىڭ بېشىدىكى بۇ ئېغىر كۈنلەرنى بالدۇرراق كۆتۈرۈۋېتىشىنى ۋە بىرلىكتە ۋەتەندە خۇشال خۇرام ھيېتلىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز شۇنداقلا بۇ كۈنلەرنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ