ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

گەپ سۆزدە ئەدەبلىك بولۇش (2)

 

گەپ سۆزدە ئەدەبلىك بولۇش (2)

      كۆپ سۆزلىگەن ئادەم كۆپ خاتالىشىدۇ، سورۇننىڭ تۆرىگە چىقىۋېلىپ توختىماي قۇمدەك سۆزلەۋەرسە ئاڭلىغۇچىلار گېپىنى تۇتامى يوق ئىكەن، ئويلانماي گەپ قىلىدىكەن، دەپ ئويلاپ دېگەنلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

ئادەم زېھنىنى يىغماقچى، قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ئۈستىدە ئويلانماقچى بولسا سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدۇ. بەلكى كۆپ ۋاقىتلاردا ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ مۇھىتتىن ئايرىلىپ چەت يېزىلارغا ياكى باشقا خالى ئورۇنلارغا بېرىپ ئۆزى توغرىسىدا تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى سۈكۈت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ھەم ئۇنى ئۆزىنى تەربىيىلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى دەپ قارايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىلغان نەسىھەتلىرىدىن بىرى شۇكى: «سۈكۈتنى كۆپ قىلغىن، چۈنكى بۇنداق قىلىش شەيتاننى قوغلاپ دىنى ئىشلىرىڭغا ياردەم بېرىدۇ»  دېگەن.

توغرا، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن تىل شەيتاننىڭ قولىدىكى چۇلۋۇر بولۇپ، ئىنساننى خالىغانچە باشقۇرىدۇ، قانداق بىر ئادەم تىلىغا ئىگە بولمىسا ئېغىزى قەلبىنى بۇلغايدىغان، غەپلەت پەردىلىرىنى تېخىمۇ ھەسسىلەپ قېلىنلاشتۇرىۋېتىدىغان تاشلاندۇقلارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەلب دۇرۇس بولمىغۇچە ئىمان دۇرۇس بولمايدۇ، تىل دۇرۇس بولمىغۇچە قەلب دۇرۇس بولمايدۇ»

مەزكۇر دۇرۇسلۇقنىڭ بىرىنچى باسقۇچى مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق، سورالمىسا جاۋاب بەرمەسلىكتىن ئىبارەت. «مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق ئادەمنىڭ ئىمانىنىڭ ياخشىلىقىدۇر.»

* * *

بىھۇدە سۆزلەردىن يىراق تۇرۇش ئاخىرەتتىكى نىجاتلىقنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى، پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. قۇرئان كەرىمدە بىھۇدە سۆزلەردىن يىراق تۇرۇش بولسا ناماز، زاكاتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ پەرز ئىبادەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۆزلەنگەن:

<< مۆئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى، (شۇنداق مۆئمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر، ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر، ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر. >>

ئەگەر پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپ كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋاتقان بىھۇدە گەپ سۆز ۋە ئىشلارنى سىتاتىستىكا قىلىپ كۆرىدىغان بولسا كۆزلەرنى جەلپ قىلىۋاتقان، قۇلاقلار مايىل بولىۋاتقان، كەڭ تارقالغان ھېكايە ـ رومانلار، مەشھۇر گېزىت ـ ژۇرناللار، رادىئو ـ تېلىۋىزىيە ئاڭلىتىشلىرى ۋە لېكسىيەلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان بىھۇدە گەپ ـ سۆز ۋە ئىشلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋاقىتلىرىدا ئەلۋەتتە ھەيران قالغان بولاتتى!

ئىسلام دىنى بىھۇدە گەپ ـ سۆز ۋە قىلمىشلارنى ھارام قىلدى. چۈنكى ئۇ تېتىقسىزلىقلار، پەس ئىشلارنى يامان كۆرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت بۇنداق گەپ سۆز ۋە قىلمىشلار ئىنساننىڭ يارىلىشىدىكى مەقسەت ـ تىرىشىش، ئۈنۈم يارىتىشنىڭ غەيرىگە ئۆمۈرنى زايە قىلغانلىقدۇر.

ئىنساننىڭ ئاللاھ دەرگاھىدىكى دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەنلىكى ئۇنىڭ بىھۇدە گەپ ـ سۆز ۋە قىلمىشلاردىن پاكلىنىشىغا قاراپ بولىدۇ.

 ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم ۋاپات بولغان ئىدى، يەنە بىر ئادەم (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاڭلاپ تۇراتتى): ‹ئاللاھ جەننەتنى ئاتا قىلغاي› دېدى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹بىلمەمسەن؟ ئۇ بىھۇدە گەپ قىلىپ قويغان بولۇشى ياكى قولىدا بار تۇرۇپمۇ بېخىللىق قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن› دېدى.»

بىھۇدە گەپ قىلغۇچى دېگەنلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر يۈرگۈزمەيدىغان بولغاچقا كەلسە ـ كەلمەس سۆزلەيدۇ. بەزىدە ھازىرسى ۋە كەلگۈسىنى بىراقلا ۋەيران قىلىدىغان گەپلەرنىمۇ قىلىشى مۇمكىن، «كۆپ سۆزلەيدىغان ئادەم خاتا سۆزلەيدۇ.» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. شائىر مۇنداق دەيدۇ:

«يىگىت پۇتىنىڭ تېيىپ كېتىشى بىلەن ئەمەس بەلكى تىلىنىپ تېيىپ كېتىشى بىلەن ھالاك بولىدۇ.»

ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «بەندە سورۇندىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بىر ئېغىز سۆزى تۈپەيلى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىلىقىدىنمۇ چوڭقۇر بولغان ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ، پۇت ئازغۇنلۇقىدىن تىل ئازغۇنلۇقى ئېغىرراقدۇر!»

داۋامى بار. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ