ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن

Normal 0 21 false false false SV X-NONE AR-SA

مۇناپىقنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا!

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: « تۆت خىسلەت بار، ئۇ كىمدە بولسا خالىس مۇناپىق بولىدۇ. ئەگەر ئۇ تۆت خىسلەتتىن بىرى كىمدە بولسا، ئۇنى تاشلىمىغۇچىلىك ئۇنىڭدا مۇناپىقنىڭ بىر سۈپىتى بولغان بولىدۇ. ئۇ تۆت خىسلەت: ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، گەپ قىلسا يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ، تالاش- تارتىش قىلسا ئېغزىنى بۇزىدۇ ». [ ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ]. بۇخارىدىن 34- ھەدىس.

 ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: « مۇناپىقنىڭ ئۈچ ئالامىتى بار: گەپ قىلسا يالغان گەپ قىلىدۇ، ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ ».  [ ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ]. بۇخارىدىن 33- ھەدىس.

ئىزاھات: مۇناپىقنىڭ لوغەت مەنىسى، بىر ئىشىكتىن كىرىپ، يەنە بىر ئىشىكتىن چىقىپ كېتىش دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ شەرىئەتتىكى ئىستىلاھ مەنىسى، « دىلىدا كۇپرىنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ ئېغىزىدا مەن مۇسۇلمان دەيدىغانلاردۇر ». اللە تەئالا قۇرئاندا مۇناپىقلارغا لەنەت ئوقۇغان، ئۇلارنى سۆككەن ۋە ئۇلارغا ئاخىرەتتە ناھايىتى قاتتىق ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئۇلارنىڭ دىلىدا يوق نەرسىنى تىلىدا دەيدۇ، ئۆزلىرى ئىشەنمەي تۇرۇپ اللەقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىمىز دەپ دەۋا قىلىدۇ دەپ سۈپەتلىگەن. مۇناپىقلارنىڭ قىلىقى ئالداش، ساختا قىلىش، يالغان سۆزلەش، غەيۋەت قىلىش، گەپ توشۇش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق، بەرگەن سۆزىدە تۇرماسلىق، ئەھدىنى بوزۇش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا ئاداۋەت سېلىش ئارقىلىق يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بېخىل، بەدىنىنىڭ سېمىزلىكى، كىيىمىنىڭ پاكىزلىقى ۋە سۆزىنىڭ تاتلىقلىقى بىلەن تاشقى كۆرنۈشى چىرايلىق، مۇتەكەببۇرلۇق، ھەسەتخورلۇق، رىياكارلىق ۋە باشقا پىسخىك ئىللەتلەر بىلەن ئىچى زەھەر قەبىھ ئىنسانلاردۇر.

اللە تەئالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇناپىقلاردىن ھەزەر قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن: « ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى، سالاپەتلىكى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، ئىلىمسىز ۋە ئەقىلسىزلىقتا گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان چىرىپ كەتكەن ياغاچلاردۇر. ئۇلار قورقۇنچتىن ھەر قانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئۇلار ساڭا ۋە مۆمىنلەرگە دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، اللە ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا بورۇلۇپ كېتىدۇ؟!» سۈرە مۇناپىقۇن 4- ئايەت.

مۇناپىقلارنىڭ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان خەتىرى كاپىرلاردىنمۇ يامان. چۈنكى كاپىرلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئاشكارا. ئەمما مۇناپىق مۇسۇلمانلار قېلىپىغا كىرىۋالغان زەھەرلىك يىلان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئۇنى دوست گۇمان قىلىپ ئىچكى سىرلىرىنى ئېيتىدۇ، قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ پىلانلىرىدىن ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىدۇ. لېكىن ئۇ ئىككى يۈزلۈك دۈشمەن، بىر يۈزى بىلەن دوست كۆرۈنۈپ تۇرۇپ مەخپىيەتلىكلەرنى بىلىۋېلىپ، ئاندىن يەنە بىر يۈزى بىلەن نەشتىرىنى تىقىدۇ. ئەندەلوس، مۇسۇلمان تۈرك مەملىكەتلىرى ۋە پەلەستىن قاتارلىق ئىسلام دىيارلىرىنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق مۇناپىقلارنىڭ سەۋەبى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتكەن. ئىسلام تارىخىدا مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا سالغان زىيىنى ئاز ئەمەس. ئۇلار يالغاندىن ھەدىس توقۇپ چىقىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ پاك ئەقىدىسىنى بۇلغىغان. گەپ توشۇپ مۇسۇلمانلارنى پارچە- پارچە بۆلۈپ تاشلىغان، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە- پاسات پەيدا قىلىش ئارقىلىق تاشقى دۈشمەنگە يول ئېچىپ بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدىكى ھەدىستە مۇسۇلمانلارنى مۇنداق ناچار قىلىقتىن ئۆزىنى پاكلىسۇن، ئۆتۈلۈپ قالغان كەمچىلىكلىرى بولسا دەرھال تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتسۇن، ئىككى يۈزلۈك مۇناپىقلاردىن يىراق تۇرسۇن ئۈچۈن، بىزگە مۇناپىقلارنىڭ ئەڭ ئاشكارا ئالامەتلىرىدىن تۆتنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى بۇ تۆت نەرسىگە ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ ئىككى يۈزلۈك ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بولىدۇ. گەپ قىلسا يالغان گەپ قىلىپ كىشىلەرنى ئالدايدۇ. پۇل- مال، سۆز ياكى سىر ئامانەت قويسا خىيانەت قىلىپ ئىشەنچ قىلغان كىشىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. قىلمايدىغان ئىشقا ۋەدە بېرىپ، كېيىن ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ. ئازىراق بىرەر جېدەل بولۇپ قالسا ئېغزىنى بۇزۇپ سەت گەپلەر بىلەن تىللايدۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ مەن مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلغىنى، ناماز ئوقۇغىنى، روزا تۇتقىنىنىڭ پايدىسى نېمە؟

اللە تەئالا مۇناپىقلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۇھەممەد! ( سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ) مۇناپىقلارغا بىشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. مۆمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى دوست تۇتىدۇ. ئۇلار كاپىرلارنىڭ قېشىدىن ئىززەت ۋە قۇدرەت تەلەپ قىلامدۇ؟ ئىززەت ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى اللەنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا گۇناھتا ئۇلارغا ئخشاش بولۇپ قالىسىلەر. اللە ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمدە توپلايدۇ. مۇناپىقلار سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ. ئەگەر سىلەر اللەنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: « بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ ( كاپىرلاردىن ئالغان نىئمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلار ) » دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلار زەپەر تاپسا، مۇناپىقلار ( كاپىرلارغا ) « بىز سىلەردىن غالىپ بولۇپ تۇرۇپ سىلەرنى ئۆلتۈرمىدۇق ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟ » دەيدۇ. اللە قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىدۇ. اللە كاپىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى بەرمەيدۇ. شۈبھىسىرزكى، مۇناپىقلار اللەنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ. اللە ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جارا بېرىدۇ. ئۇلار نامازغا تۇرغاندا خوش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ، نامازنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. اللەنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ. مۇناپىقلار كۇپرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، مۆمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ مەنسۇپ ئەمەس. كىمنى اللە گۇمراھ قىلغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن.» سۈرە نىسا 138- 143- ئايەتلەر.

اللە تەئالا بىزنى بۇنداق يامان ئاقىۋەتكە ئاپىرىدىغان ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىسۇن! ئامىين!

تەييارلىغۇچى: پىداكار

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ