<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

. ئىمام: ماڭا نېمە قارايسىلەر؟ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇتقۇنىم ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇپ قالدىمۇ؟ ئەمدى، دەپتۇ
 

مۇسۇلمان يوق مەسجىت

(  ئىبرەتلىك ھېكايە)

بىر كۈنى بىر ئادەم قولىدا يوغان بىر پىچاقنى كۆتۈرگەن پېتى مەسجىتكە كېرىپ كەپتۇ ۋە : - ئاراڭلاردا مۇسۇلمان بولغان بىرى بارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. جامائەت قورقۇدىن ھېچنېمە دېيەلمەپتۇ؟ ئارىدىن بىرئاز  ۋاقىت ئۆتۈپ ياشىنىپ قالغان بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ :

- مەن مۇسۇلمانمەن، دەپتۇ. پىچاق تۇتقان ئادەم ئۇ قېرى ئادەمنى ئېلىپ مەسجىتتىن چىقىپتۇ. ئۇ ئادەم مەسجىتنىڭ سىرتىدىكى بىر مۇنچە كالا توپىنى كۆرسىتىپ:  

ئى تاغا بۇلارنى قۇربانلىق قىلماقچىدىم، ماڭا ياردەم قىلامسەن؟ دەپتۇ.

ياشانغان ئادەم بىرمۇنچە كالىنى سويغاندىن كېيىن ھېرىپ ھالىدىن كېتىپتۇ ۋە:

مەن بەكلا ھېرىپ كەتتىم، ئەمدى باشقا بىرىنى تاپقىن، دەپتۇ.

 ئۇ ئادەم بۇ قېتىم قولىدىكى قانغا بويالغان پىچاق بىلەن مەسجىتكە كىرىپ : ئىچىڭلاردا باشقا مۇسۇلمان بارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ.

بىرئاز  بۇرۇن بىللە چىققىپ كەتكەن ياشانغان ئادەمنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ  ئويلاپ قالغان جامائەت قورقۇنىدىن  ھېچنېمە دېيەلمەي ئىمامغا قاراپتۇ. ئىمام:

ماڭا نېمە قارايسىلەر؟ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇتقۇنىم ئۈچۈن مۇسۇلمان  بولۇپ قالدىمۇ؟ ئەمدى، دەپتۇ.

توۋۋا !  مەسجىتتىكى  بۇ ئىنسانلار بىزدىكى بەزى ئىنسانلارغا نېمە دېگەن ئوخشىغان – ھە!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ