ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مۇسۇلمانلار ھالىنىڭ يامانلىقى
 

مۇسۇلمانلار ھالىنىڭ يامانلىقى 

ئەفىف ئابدۇلپەتتاھ    مۇسۇلمانلارنىڭ ھالى ھەققىدە ئويلانغان كىشى، ئىسلام دىنىنى ئۆگەنگەندە قولغا كەلتۈرگەن گۈزەل ھالەتنىڭ ۋە تونىغان ھەقىقەتنىڭ ئەكسىنى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، ئىسلام دىنى باشقا، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقان يولى باشقىدۇر. شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئام ـ خەلق ئىسلام دىنىغا تەۋە دەپ قارىغان ئىشلاردىن بىزگە كۆرۈنگەنلىرىنىڭ تولىسى ئىسلام دىنىدىن ئەمەس، ئىسلام دىنى ئىشلىرىدىن مۇسۇلمانلاردا ساقلىنىپ قالغىنى ناماز، روزا، ھەجنىڭ شەكلى كۆرۈنىشىدىنلا ئىبارەت. ئىسلام دىنى نامىدىن سۆزلىنىدىغان سۆزلەردىن بەزىلىرى ئۆز مەنىسىدىن ئۆزگەرتىلگەن. دىنىغا قوشۇلۇپ قالغان بىدئەت ۋە يالغان ئىشلار سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلار خاتا تونۇش ۋە ناتوغرا ئىشلاردا قېتىۋېلىش، دەلىلسىز ئىشلارنى دىن ھېسابلاش ھالىتىگە يىتىشتى. مۇنداق قاتمال جاھىللاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ﷲ تائالاغا ۋە ئىسلام دىنىغا توقۇغان ئويدۇرمىلىرىدىن ﷲ تائالاغا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. چۈنكى، ھازىر مۇسۇلمانلارنى ئەيىپلاپ ئۇلارغا چاپلىۋاتقان ئەقىدە ۋە سۆز ھەرىكەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسى ئىسلامدىن ئەمەس، ئۇلار ئىسلام دەپ ئاتىۋېلىنغان بىلەن ئىسلامدىن باشقا بىر نەرسىلەردۇر.ئىسلام پەيلاسوپى شەيخ جامالىددىن ئافغانىي مۇنداق دېگەن: ”بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىنىڭ ناچارلىقى ياۋرۇپا خەلقىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىدىن توسقان توسالغۇلارنىڭ چوڭراقىدۇر“ ئۇ، يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”بىز ياۋرۇپا خەلقىنىڭ ئەركىن پىكىرلىك كىشىلىرىنى بىزنىڭ دىنىمىزنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرماقچى بولغىنىمىزدا، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق سۈپەتكە ئىگە ئەمەسلىكىمىزگە ئىشەندۈرۈشىمىز، لازىم. چۈنكى، ئۇلار بىزگە قۇرئاننىڭ ئارىسىدىن قولىنىڭ بارماقلىرىنى كېرىپ بارماقلىرىنىڭ يوچۇقلىرىدىن مارىلاپ قارايدۇ. ياۋرۇپالىقلار قۇرئاننىڭ ئارقا تەرىپىدە بىلىمسىزلىك، ھورۇنلۇق، بىر ـ بىرىگە ياردەملەشمەستلىكتەك سۈپەتلەر ئومۇملاشقان بىر بۆلۈك ئادەملەرنى كۆرىدۇ. (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسلامنى بۇلار ئارقىلىق خاتا تونۇيدۇ) ئاندىن ئۇلار: ئەگەر قۇرئان ھەق تۈزەتكۈچى كىتاب بولسا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر مۇنداق ناچار ئەھۋالدا بولماستى، دېيىشىدۇ. راستىنى ئېيتساق: بۇ گۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئاتاققىلا مۇسۇلمان بولغانلار بولۇپ، ئۇلار بۇ كۈنلەردە يولغا قويغان قانۇن ـ تۈزۈملىرىدە ۋە تۇتۇۋاتقان ئادەتلىرىدە ئۆز دىنىنىڭ ھۆكمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، تونۇمايدۇ. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، ئۇلارنى ”مۇسۇلمان“ دەپ ئاتاش توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن: دۇنيادا ھەرقانداق بىر پارتىيە گۇرۇھى ئۆز پارتىيىسىنىڭ قانۇن نىزامنامىسىغا ئەمەل قىلمايدىغان شەخسلەرنى پارتىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلمىغاندەك سۆز ۋە ئىش ـ ھەرىكەتلىرى ئىسلام تەلىماتىغا توغرا بولمىغان كىشىگە ”مۇسۇلمان“ دېگەن نام بېرىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ مۇسۇلمانلار جامائەتىگە قوشۇلىشى ئۈچۈن بىز بۇ كىتابتىن ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل قىلىشى لازىم بولغان بىر قانچە شەرت ۋە ئاساسلارنى ئىسلام دىنىنىڭ شەرت قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمما، بىز بۈگۈنكى ئىسلام دىيارلىرىدا ئىسلامنى تىرىلدۈرۈش ۋە ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن كۈچلۈك بىر قوزغۇلۇشنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىزكى، بۇ ھەرىكەتنىڭ خوش خەۋەر ۋە ئالامەتلىرى بىزگە، بۇنىڭ كۆپلىگەن خالىس دىللىق ئۆلىمالارنىڭ، ئىسلام دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ۋە بەزى ئىلىم ئورۇنلىرىنىڭ ۋە توغرا ئىسلام تەلىماتى ئۆگىتىلىۋاتقان دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولىۋاتقانلىقىنى، بىلدۈرمەكتە.تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ