ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-08 18:47:50 جەمئى 2874 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيىدىكى سىياسى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان ئىيى پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كامىل ئەروزان ب م ت نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا ئالاقىدار تەييارلىغان دوكىلاتىغا دىققەت تارتىپ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە؟ دەپ سورىدى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە؟

 

تۈركىيىدىكى سىياسى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان ئىيى پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى  ئەخمەت كامىل ئەروزان ب م ت نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا ئالاقىدار تەييارلىغان دوكىلاتىغا دىققەت تارتىپ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە؟ دەپ سورىدى.

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى ئىيى پارتىيە مۇئاۋىن رەئىسى ۋە بۇرسا مىللەت ۋەكىلى ئەھمەد كامىل ئەروزاننىڭ سۆزلىرىنى سەھىپىسىدە ئېلان قىلدى.

ئەروزان: خىتاينىڭ شەرقى تۈركستاندا ئۇيغۇرتۈركلىرىگە قارشى باستۇرۇش ھەققىدە ئشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغان مەلۇماتلار يېقىنقى مەزگىلدىن بىرى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يەر ئالماقتا ۋە بۇ تېمىغا ئىيى پارتىيە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلمەكتە.

2018-يىلى 30-ئاۋغۇست، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقى ئايرىمچىلىقنى يوقتىش كومېتىتى ئىلان قىلغان بىر دوكلات بىلەن مەزكۇر مەسلە خەلقئارا سەھنىگە ئىلىپ چېقىلدى ۋە بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ «مەخپى يېغىۋىلىش لاگىرلىرىغا قامالغانلىقى>>غا دائىر خەۋەرلەر خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق جەزىملەشتۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقى ئايرىمچىلىقنى يوقتىش كومېتىتى ئەزاسى ماك دوگال مەزكۇر تېما بىلەن بىلەن ئالاقىدار سۆزىدە «:خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رادىكال دىنچىلىققا قارشى كۆرەش ۋە جەمىيەت مۇقىملىقىمنى قوغداش نامىدا شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇنلاشتۇرغان ۋە كۆپلىگەن دوكلاتلارغا ئاساسلانغان باستۇرۇش سياسىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشگە چۆكمەكتىمىز« ئىپادىسنى قوللاندى.

ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى ۋە مىللەتچى دەپ تونۇلغان ھەمكارلاشقۇچىسى «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى«نىڭ بۇ مەسلىدە نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سۈكۈت قىلىشنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىقېتسادى كىرزىس ئالدىدا ، قەرز ئىلىش ئۈچۈن ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتىگە قول سۇنۇپ يۈرگەنلىكىدىنمۇ ئەمەسمۇ تەكشۇرۇپ كۆرۈش كىرەك.

ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى پارتىيە ياكى ھەمكارلاشقۇچىسى بۇ مەسلىگە ئالاقىدار بىر بايانات ئىلان قىلىپ،بۇ مەسلىگە دىققەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن كىلىپ چىققان سۇئال-سوراقلارغا جاۋاپ بىرىشكە ،تۈركىيە جۇمھۇرىيتى نامىدىن ئۆز مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىمەن.

ئىيى پارتىيە بۇ چاقىرىقىمىزغا قايسى دەرىجىدە ئاۋاز قوشدىغانلىقىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۆزىتىمىز ۋە ساقلايمىز.ئنشائاللا ،ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىيتقاندەك «قەرز بەرگەننىڭ تىلى ئۇزۇن ،قەرز ئالغاننىڭ تىلى قسقا>>يېرىگە كەپ قالمىغاي! دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ